قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ئاخىرقى كۈنىدە

9- قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى 7- ئىيول كەچتىن  11- ئىيول چۈشكىچە ناھايتى جانلىق كەيپىيات ئىچىدە ھەر خىل تېمىلاردا دوكىلات ۋە مۇزاكىلەر بىلەن داۋام قىلىپ غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

پائالىيەت ئاخىردىكى يېپىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفىسسور جەلال ئەرباي پائالىيەتنىڭ مول مەزمۇنلۇق تېمىلار دائىرسىدە ئەڭ جانلىق شەكىلدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، پائالىيەت جەرياندا خىتايدا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇلاشقانلىقى ۋە ھەقتە تېخمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان يىپىلىش مۇراسىمىدا  بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن كەلگەن 140تىن ئارتۇق مېھماننىڭ قاتناشقانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسلىسى ھەققىدىكى سىتراتېگيەلىك پىلان-لاھيە ۋە بۇنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تېمىلاردا ئېلىپ بېرىلغان دوكىلات ۋە مۇزاكىرە قارارلىرىنىڭ ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە خۇلاسە دوكىلاتى بىرىپ ئۆتكەندىن كىيىن، دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار  بىرلىكتە ئوپچە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈلدى ۋە پائالىيەت غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

 

About admin

Leave a Reply