ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار قۇربان ھېيتنى جەم بولۇپ بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار قۇربان ھېيتنى جەم بولۇپ بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 9-ئاينىڭ 3- كۈنى يەكشەنبە يەنى قۇربان ھېيىتنىڭ 3 – كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق كىشى جەم بولۇپ قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ ئۆز يۇرتلرىنى تەرك ئېتىپ ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن ئايرىلغان، ئۆز ۋەتىنىدىن يىراق مۇساپىرلىق ھاياتتا كۆڭلى يېرىم ھالدا قۇربان ھېيتنى كۈتىۋالدى ۋە بىر كۈن بولسمۇ خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا 1000 كىشىلىك بىر زالغا جەم بولۇپ قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

بۇ پائالىيەت ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلەردىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپى، شەرقىي تۈركسىتان ياشلار جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى، قۇتادغۇبىلىك ئىلىمى تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىمان دىيارى جەمئىيىتى، ئوقۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر جەمئىيەتلەر قوللاپ قۇۋۋەتلىدى ۋە پۈتۈن مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشتى.

پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە پۈتۈن مۇھاجىرلار مۇساپىرلارنى ۋە جەمئىيەتلەرنى بىرلىك – باراۋەرلىككە چاقرىق قىلدى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆز قىلىپ، بىرلىك باراۋەرلىك توغرىسىدا توختالدى ۋە پىكىر ئوخشاشماسلىق بولسىمۇ بۆلۈنمەستىن بىرلىشىش، ئۆز – ئارا يول قويۇشۇپ بىرلىكتىن ئايرىلماسلىقنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېلىھان تۇرانلى، ئوقۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى، ئىمان دىيارى تەلىم – تەربىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەخمۇت داموللام قاتارلىقلار سۆز قىلىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ قۇربان بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە كۆپىنچىسى بىرلىك – باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سەھنىگە چىقىپ ھەر خىل نۇمۇر كۆرسەتتى. شېئىر دىكىلىماتسىيە قىلدى. قۇربان ھېيىتقا ئاتاپ يېزىلغان تەسىرلىك نەسىرى شېئىرلار ئوقۇدى.

ئۆسمۈرلەر بىر – بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ، «ھېيىت بۈگۈن ئايەم بۈگۈن»، «ئويغان»، «ئىز» قاتارلىق شېئىرلارنى دىكىلماتسىيە قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئاخىرىدا ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنى سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ ۋەتىنىمىز قەيەر؟ قاچان مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان دېگەندەك سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق توغرا جاۋاپ بەرگەنلەرگە ماددى بويۇم مۇپاكات بېرىلدى.

پائالىيەت  3 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ ئاخىرىدا تاماق زىياپىتى بېرىلدى ۋە دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

About admin

Leave a Reply