زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى

1 – سىنتەبېر جۈمە كۈنى تۈركىيىدە قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زەيتىنبۇرنۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمىنە ئىنانچ جامىئىگە يىغىلىپ قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى

قۇربان ھېيت نامىزىدىن كىيىن، زېيتىنبورنىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ئۆزگىچە جارىي قىلدۇرۇلدى.
قۇربان ھېيت نامىزىدىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە يۇرت ئاقساقاللىرى قاتارلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار جامى ئالدىغا توپلىنىپ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەشتى ۋە ئۆز – ئارا سالاملىشىپ ھال – ئەھۋال سوراشتى.

كېيىن  شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئېغىر زۇلمىدا ئىڭراۋاتقان، ھەتتا قۇل كۆتۈرۈپ ئاللاھقا دۇئا قىلىش ھۇقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان بولسىمۇ قەلبىدە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ « ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟ » دەپ، يىغلاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىپ دۇئالار قىلىندى، ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىيمانى، ئىسلامى ئۈچۈن خورلۇقلارغا قېلىۋاتقان، يۇرتلىرىدىن چىقىرىلغان، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ئۆلتۈرلىۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.

About admin

Leave a Reply