خىتايلار شەرقىي تۈركسىتاندىن شەرتسىز چىقىپ كېتىشى كېرەك

خىتايلار شەرقىي تۈركسىتاندىن شەرتسىز چىقىپ كېتىشى كېرەك- ئىشغالىيىتى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلىنمايدۇ.

بۈگۈن يەنى 10 –ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتايلار بايرام دەپ تەبرىكلىگەن ، ئەمما شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈچۈن ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ سىياسەتتە ئالدانغان ۋە شەرقىي تۈركسىتان زېمىنى ئىشغال قىلىنغان ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى جەڭدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن  ھىيلە – نەيرەڭلىرى بىلەن ئاقكۆڭۈل خەلقىمىزنى ئالداپ  ئىشغال قىلىۋالغان كۈندۇر.

شەرقىي تۈركسىتان خەلقى تارىختا ئونلارچە دۆلەت ۋە ئىمپىراتورلۇقلارنى قۇرۇپ مۇستەقىل  ھۆر ياشاپ كەلگەن خەلقتۇر. ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ بىر ئاللاھقىلا  قۇللۇق قىلىپ، ئۆز ۋەتەن – تۇپراقلىرىنى جاھانگىر ئىشغالچىلاردىن قوغداش يولىدا ئەزىز مىللىتىمىنىڭ نۇرغۇنلىغان پەخىرلىك ئوغلانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى پىدا قىلىپ شەھىد بولدى  ۋە بولىۋاتىدۇ.

ياقۇپبەك قەشقەرىيە دۆلىتىدىن كېيىن 1933 – يىلى شەرقي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان شەرقي تۈركسىتان خەلقى 1944 – يىللاردا ئويغىنىپ ئىشغالىيەتكە قارشى جەڭگە ئاتلاندى ۋە گومىنداڭ خىتاي ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق،  شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك خەلقلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان سىتالىن – سوۋىت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ 1949 – يىلى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلىرىمىزنى ئايرۇپىلان قازاسىدا ۋاپات بولدى دېگەن باھانە بىلەن يوق قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋالدى.

1949 ـ يىلى 15 ـ ئاۋغۇست كۈنى  ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى 8 كىشىلىك شەرقىي تۈركسىتان ۋەكىللىرى رۇسلارنىڭ چاقىرقىنى قوبۇل قىلىپ ئايرۇپىلان بىلەن يولغا چىققان كېيىن سوۋېت ئىركۇتىسكىدىكى تاشقى بايقال كۆلى ئەتراپىدا ئايرۇپىلان تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ ئايرۇپىلاندىكى پۈتۈن رەھبەرلەرنىڭ قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋە  تونۇلمايدىغان ھالەتتىكى جەسەتلەر شەرقىي تۈركسىتانغا كەلتۈرۈلگەن. بىراق رەھبەرلەرنىڭ ئۇ ئايرۇپىلاندا ئەمەسلىكى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ دىكتاتۇر جاللات سىتالىن تەرىپىدىن موسكۇۋا ئەتراپىدا بىر تۈرمىگە قامىلىپ قىيىن – قىستاق بىلەن  ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان. چۈنكى ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەك قاتارلىق رەھبەرلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كومېنست ھاكىمىيىتىگە تەۋە بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغان ۋە ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي قۇماندانلارمۇ سۈيقەستكە ئۇچىرىغانلىقى ئۈچۈن 40 مىڭ كىشىلىك شەرقىي تۈركسىتان مىللىي ئارمىيىسى قۇماندانسىز قالغان.

بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن كېيىن رۇس ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ  تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن مۇڭغۇلىيەنى مۇستەقىل قىلىش بەدىلىگە  شەرقىي تۈركسىتاننى خىتاي كوممۇنسىت ھاكىمىيتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن سەيپىدىن  ئەزىزىغا ئوخشاش قورچاق كوممۇنسىتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. سەيپىدىن ئەزىزى رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ،  بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى يىل قالماقچى بولغان ۋە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتكە ياردەم قىلماقچى بولغان. بۇ كېلىشىم بويىچە ۋاڭ جىن دېگەن خىتاينىڭ قۇماندانلىقىدا شەرقىي تۈركسىتانغا كىرگەن خىتاي قىزىل پاچاق ئارمىيىسى، گومىنداڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاپ چىقىپ كېتىمىز دېگەن باھانە بىلەن قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان دىنى ئالىملارنى، زىيالىلارنى ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

1950 -يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش»، «ئىجارە كېمەيتىش»، «يەر ئىسلاھاتى» دېگەندەك ناملار ئاستىدا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقانلارنى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېر جەڭچىلىرى، يۇرت مۆتىۋەرلىرى، بايلار، ۋەتەنپەرۋەر ئالىم – ئۆلىمالار ۋە زىيالىلار بولۇپ يۈز مىڭلىغان ئادەمنى تۈرمىگە تاشلىغان. مىڭلىغان يەرلىك خەلق ۋەكىللىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1951-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەكسىل ئىنقىلابچى، پانتۈركىست، پان ئىسلامىست دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن، ئوسمان باتۇر، مۇھەممەت ئىمىن، چىڭگىزخان داموللام، قۇربان قۇداي قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق مۇھىم شەخسلەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

شۇنداق قىلىپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1955 _ يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شەرقىي تۈركسىتاننى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دېگەن نامغا ئۆزگەرتىپ پۈتۈنلەي خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي كوممۇنسىت قىزىل پاچاق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ئالىم – ئۆلىما ۋە زىيالىيلىرىمىزنى تۈرمىگە قامىدى ياكى يوق قىلدى. دىنى ئىتىقاد ۋە مىللىي مەدەنىيەتلىرىمىزگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. قۇرئان كەرىمنى ۋە دىنى، مىللىي كىتابلارنى كۆيدۈردى، مەكتەپ ۋە جامىئىلەرنى تاقىدى ياكى توڭگۇز باقىدىغان ئېغىلغا ئايلاندۇردى. مەكتەپلەرنى تاقاپ خەلقنى ساۋادسىز، ۋە ئاچ قويدى. بۇ ناھەقچىلىكلەرگە قارشى چىققان ۋە ياكى قارشى چىقىشقا چاقرىق قىلغان ۋەتەنپەرۋەر ئالىملىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىز زىندانغا تاشلاندى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتىقاندا شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم قىلدى ۋە قانلىق باستۇرۇشلار ئېلىپ باردى. خىتاي بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارسا يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل ئاسىمىلاتىسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئەمما شەرقىي تۈركسىتان خەلقى خىتاي ئىشغالىيىتىگە ھەرگىز باش ئەگمىدى، زۇلۇمغا ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى ئازادلىق ھەرىكىتىنى بىر كۈنمۇ توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.

مۇستەقىل – ھۆر ياشاش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن قىممەت قاراش بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ شۇنچە زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا باش ئەگمەي قارشى تۇرماقتا.

بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز. ھۆر – مۇستەقىل ياشاش ئىرادىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز. بىر كۈنى چوقۇم تارىختىكىگە ئوخشاش مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا ئېلىپ ئەركىن ياشايدىغانلىقىمىزغا ئۈمىد – ئىشەنچ بىلەن قارايمىز.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

About admin

Leave a Reply