جەمئىيىتىمىزدە قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جەمئىيىتىمىزدە قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى تەرىپىدىن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئايلىق ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنىنىڭ بۇ قېتىمقىسى 10 –ئاينىڭ 6 – كۈنى جۈمە كەچتە جەمئىيەت مەركىزى يىغىندا زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغان يىغىندا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان « 68 يىللىق ئاسارەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە  ، ئىشغالىيەتنىڭ 68 ـيىلىنى خىتاي تەبرىكلەۋاتىدۇ ئەمما بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشغالىيەتنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالـماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى، ئۆز ـئارا بىلىپ , بىلدۈرۈپ خاتىرلەپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى  تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار، «ئىسلامدا سۈننەتنىڭ ئورنى » دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆزىدە، ھازىرقى دەۋردىكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە «قۇرئان كەرىم» ۋە «سەھىھ ھەدىسلەردىن» دەلىل كەلتۈرۈپ كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

يىغىنغا 100گە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىن جەرىيانىدا ئۆز – ئارا ئۇچرىشىپ ھال – ئەھۋال سوراشتى.  ئاخىرىدا دۇئا ئوقۇلدى ۋە يىغىن ئەھلى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

About admin

Leave a Reply