سېغىنىش

سېغىنىش

ئانا يۇرتتىن كەتتىم يىراققا، يۈردم يىراقتا غەمدە مەن

يېگۈدەك ئاش نان قېنى، ئىسسىق سوغۇقتا دەڭدىمەن.

قالدى ئەل – يۇرت، قالدى تارىم، قالدى ئىلى زەرەپشان،

ئۇشبۇ ۋەتەن غېمىدە كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان.

نەگە بارسام كەمسىتىش، «ۋەتەنسىز» دەپ سانالدىم.

تۇتقۇن بولۇپ ھەر جايدا تۈرمىلەرگە قامالدىم.

ۋىجدانى ھەم ئىمانى يوق بەگ، غۇجام ھەر جايدا بار،

قاغا، قوزغۇن خان ۋەتەندە، يازدىمۇ بولماس باھار.

كۆز يېشىم يامغۇر بولۇپ ئاقار كۈندە توختىماي،

بۇلاڭ – تاراڭ بولغان ۋەتەنگە مەن تەۋپىق قانداق چىداي؟

ئېھ ۋەتىنىم، غەمگۇزارىم – مىھرىبانىم ئانا يەر،

ئالىمىمدە تەڭداشسىز شەرقتىكى بىر گۆھەر.

ھەر كۈنۈڭ ئۆتتى بەختسىز بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتە.

ئىس – تۈتەك ئىچرە قالدى ۋەتەن ھالى خاراب،

پەرز ئەمەس ناخشا – ساز بىزگە، ساتار، سۇناي دۇتتار ، راۋاپ

ئېھ ۋەتىنىم بايلقىم، كۆڭۈل شادى يايلىقىم،

سەن ئۈچۈن پىدا ئوغۇلمەن، تەقدىم ساڭا بارلىقىم.

مەمىتېلى تەۋپىق  1930- يىلى

About admin

Leave a Reply