زالىمغا قارشى مەنىۋىي قۇرال

زالىمغا قارشى مەنىۋىي قۇرال
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئەزىز مۇھتىرەم قېرىنداشلىرىم!.
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇم چېكىدىن ئاشتى، خەلقىمىز، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر زۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدا قالدى. ئەركىن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھايۋانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ھازىرغىچە خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنىپ بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. دىنى ئېتىقادى، تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيەتلىرى سەۋەبىدىن كەمسىتىلىىۋاتىدۇ، خارلىنىۋاتىدۇ، چەتكە قېلىۋاتىدۇ، تۈرمىگە تاشلىنىۋاتىدۇ ۋە ھەتتا ئۆلتۈرىۋاتىدۇ.
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، «نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولدى؟»، «بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز نېمە؟» ، «قانداق قىلغاندا بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ » دېگەن سوئاللارنى ئۆز ئۆزىمىزدىن سورايدىغان بولساق، ئالدى بىلەن بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز بىلەن ئاللاھقا سىغىنىپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ.. چۈنكى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ يول كۆرسىتىدۇ: « دۇئا، مۆمىنلەرنىڭ قۇرالى، دىننىڭ تۆۋرىكى، ئاسمان – زېمىننىڭ نۇرىدۇر ».
بىز دۇئا قىلىشتا ھېچ قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايمىز، بىراق دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلاردا دۇئا قىلساق، بېشىمىزغا كەلگەن بالايى – كۈلپەتلەرنى كۆتۈرىۋىتىشكە، زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇشقا قادىر ئاللاھ، دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ. مۆمىن دۇئا بىلەن قۇراللىنىپ دۈشمەنگە قارشى دۇئا قىلسا ئاللاھ دۈشمەننىڭ يامانلىقىدىن، زۇلۇمىدىن قوغدايدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن) » (بەقەرە سۈرىسى 186 – ئايەت). دېمەك، بىز تەلەپ قىلساق، دۇئا قىلساق ئاللاھ ئىجابەت قىلىشقا ۋەدە قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى بىرىنچى ئاسمانغا چۈشىدۇ ۋە كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا: «ماڭا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، مەندىن سورىغان كىشىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىمەن ۋە مەندىن مەغپىرەت تىلىگەن كىشىگە مەغپىرەت قىلىمەن“دەپ نىدا قىلىدۇ».(ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشىدا ھېچ شەك يوق. ئۇلار: زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى» (ئىمام تىرمىزىي رىۋايىتى).
بۇ ئۈچ خىل سۈپەت بىزنىڭ كۆپىنچىمىزدە تېپىلىدۇ، يەنى ھەممىمىز مەزلۇم، ھەممىمىز مۇساپىر، كۆپىنچىمىز پەرزەنت كۆرگەن ئاتا – ئانىلاردىن ئىبارەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئاللا تەرەپتىن ۋەھىي كېلىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ھەر زامان دۇئا قىلاتتى، غازاتلارغا قاتناشقاندا ۋە ياكى دۈشمەن بىلەن قارشىلاشقاندا ئاللاھقا سىغىنىپ دۇئا قىلاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد غازىتىدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان: ئى ئاللاھ! پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ئىنسانلارنى سېنىڭ يولۇڭدىن توسقان شۇ كاپىرلارنى ھالاك قىلغىن. ئۇلارغا رەزىللىك ۋە ئازاب بەرگىن. ئى ئاللاھ سەن ھەقىقىي ئىلاھ سەن. سەندىن باشقا ئىلاھ يوق.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قانداق بىر سورۇنغا قاتناشقاندا تۆۋەندىكى دۇئالارنى ئوقۇماي قايتمايتتى، «… ئى ئاللاھ!، بىزگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىنتىقامىمىزنى سەن ئالغىن. بىزگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا قارشى بىزگە ياردەم قىل. بىزنى دىنىمىزدە مۇسىبەتكە ئۇچراتمىغىن. دۇنيانى ئەڭ چوڭ پىكىر – خىيالىمىز ، غايىمىز ۋە بىلىمىزنىڭ ئاخىرى قىلمىغىن. بىزگە رەھىم قىلمايدىغانلارنى بىزگە مۇسەللەت قىلمىغىن! (تىرمىزى، دۇئالار، 80)
بىز، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مەزلۇم مۇھاجىرلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان، زۇلۇمغا ئۇچىراۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەزىپە. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان رايوندىكى مۇسۇلمانلار بىلەن جەم بولۇپ، بىرلىكتە خۇسۇسىي ۋە ياكى جامائەت شەكىلدە كېچىلىرى دۇئا قىلىشىنى تەكلىپ قىلىمىز. جامائەت توپلىشىپ بىرلا ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولغۇسى ۋە دۈشمەن يوق بولۇپ خەلقىمىز زۇلۇملاردىن قۇتۇلغۇسى. شۇنداق قىلغاندا جانابىي ئاللاھ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلىپ زالىملاردىن قۇتۇلدۇرىشى مۇقەررەردۇر ئىنشائاللاھ. ئەلۋەتتە دۇئا قىلىپلا ئولتۇرماستىن زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ باشقا يوللىرىنىمۇ ئىزدىنىش لازىم. چىقىش يولى تېپىش، غەلبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشمۇ ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى. – مۇسا ئارسلانتاش.

About admin

Leave a Reply