مۇستەقىللىق كۈنىمىزنى خاتىرلەش يىغىنىغا تەكلىپ

مۇستەقىللىق كۈنىمىزنى خاتىرلەش يىغىنىغا تەكلىپ

1933 – يىلى 12 – نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 12 – نويابىر 1944 – يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋېتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تارىخىمىزنى بىلىش، تارىختىدىكى پاجىئەلەردىن ئاچچىق ساۋاق ئېلىش ۋە قولدىن كەتكەن ئەركىنلىكىمىزنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، شۇ يولدا ئىزدىنىش، ئىنتىلىش شۇنداقلا، ئازاد-ھۆر-مۇستەقىل بىر خەلق ئىكەنلىكىمىزنى دۇنياغا جاكارلىغان 12 – نويابىر كۈنى يەنە بىر قېتىملىق ئازادلىقىمىز  ئۈچۈن ھەممىمىز بىردەك ئاۋاز قوشايلى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىشىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پروگرامما جەرىيانى:

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى

ئىستىقلال مارشى ئوقۇلۇشى

ئېچىلىش سۆزى: ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

جۇمھۇرىيىتىمىزگە بېغىشلاپ ئىشلەنگەن فىلىم

شەرەپ مېھمانلارنىڭ تەبرىك سۆزى

ئۆسمۈرلەر سەنئەت نۇمۇرلىرى

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىكى تېمىلار ۋە سۆز قىلغۇچىلار :

«1933  – يىلىدىىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى» دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، قاھرامانماراش سۈتجى ئىمان ئۇنىۋېرىسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى.

«1944 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى 1949- يىلى ئىشغالىيەتكە ئۇچراشتىكى ئامىللار». رەخمەتجان يۈسۈپۇۋ قاسىم ئوغلى. قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى.

«تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ كۈرەش ۋە مۇجادىلىمىزدىكى رولى». دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار ، شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى. شۇنداقلا مارمارا ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى.

مۇھاكىمە يىغىننىڭ ۋاقتى: 2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى يەكشەنبە ئەتتىگەن سائەت 09:00 – 12:00 ئارىسى.

 

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى:

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 02125232877

ئى – خەت: info@maarip.org

Web: www.maarip.org

 

 

 

 

 

About admin

Leave a Reply