1944 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى

1944 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى

11 _ ئاينىڭ 12 _ كۈنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن، بۇ كۈندە شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ھۆرلۈك ۋە ئازادلىققا ئېرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان تارىخى بىر كۈن،

ھەر قانداق بىر مىللەت ئۈچۈن ئۆز تارىخنى بىلىش، تارىخىنى ئەسلەش ۋە تارىختىن دەرس چىقىرىش ئىنتايىن مۇھىم. بىر ئالىم مۇنداق دېگەن: ئۆتمۈشىنى بىلمىگەن مىللەت كەلگۈسىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۆز كەچمىشىنى تەتقىق قىلغان، ئۆگەنگەن ۋە ئىبرەتلىك ۋەقەلەردىن دەرس ئالغان مىللەت كەلگۈسىنى كۆرەلەيدۇ ھەمدە كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلەيدۇ.

ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ ئىنسانلارغا ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشنى تەكىتلەيدۇ.

11 _ ئاينىڭ 12 _ كۈنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن، بۇ كۈندە شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ھۆرلۈك ۋە ئازادلىققا ئېرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان تارىخى بىر كۈن، بۇ كۈن 1933 _ يىلى قەشقەردە 1944 _ يىلى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بىر كۈن، بۇ كۈندە شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارىختىن بۇيان تارتىپ كەلگەن زۇلۇم ۋە بېسىملارنى ئۇنتۇپ خۇشاللىققا چۈمگەن بىر كۈن. ئېچىنىشلىق كۈلپەتلەردىن كېيىن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇ – ئارمانلىرى ئەمەلگە ئېشىپ بايرام تەنتەنىسى ئۆتكۈزگەن بىر كۈن. بۇ كۈن ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىلىپ ئىستىقلال بايرىقى شەرقىي تۈركسىتان ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغان بىر كۈن، بۇ كۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىق ھاياتنى يېڭىدىن باشلىغان بىر كۈن. بۇ كۈن شەرقىي تۈركسىتان خەلقى، ئازادلىق ۋە ھۆرلۈكنىڭ، مۇستەقىللىق ۋە دۆلەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا شاھىت بولغان بىر كۈن.  ھەق بىلەن باتىل دوست بىلەن دۈشمەننىڭ مەيدانى  ئايرىلغان بىر كۈن. بۇ كۈن مۇسۇلمانلار ئەزىز، كاپىرلار رەزىل بولغان بىر كۈن. بۇ كۈن ۋەتەن خەلق ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان يۈزمىڭلىغان شەھىدلەرنىڭ روھى شاتلىققا چۈمگەن بىر كۈن. بۇ كۈندە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئالقىش سادالىرى ئاسمان زېمىننى زىل – زىلگە سالغان ئوتلۇق بىر كۈن. مانا بىز بۈگۈن شانلىق تارىخىمىزغا شاھىد بولغان كۈننى ئەسلەپ، شەھىدلەرنى خاتىرلەپ ئولتۇرۇۋاتىمىز.

ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆگىلەپ، خەلقىمىزنىڭ بۇ خۇشاللىق كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارماي يېرىم يولدا قالدى. دىن دۈشمەنلىرى، ئىسلام دۈشمەنلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىخى دۈشمەنلىرى بولغان رۇس ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى خائىن مىللەت بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرمىدى، ئىمزا قويغان كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلمىدى، ئۇرۇشتا تەڭ كېلەلمەي يېڭىلىپ قالغان بۇ دۈشمەنلەر، ھىيلە – مىكىرلىك، ئالدامچىلىق بىلەن شەيتانى ئويۇنلارنى ئويناپ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋالدى.

1933 – يىلدىن 1944 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى

1933 _ يىلى شەرقىي تۈركسىتان خەلقى مۇستەقىل دۆلىتى بولغان  شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ جۇمھۇرىيەت 6 ئاي ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىدى، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئوخشىمىغان رايون ۋە شەھەرلىرىدە رۇس ۋە خىتاي ئىشغالىيەتكە قارشى قۇراللىق ھەرىكەتلەر داۋام قىلدى.

1934 – 1937 _ يىللار ئارىسىدا تۇڭگانلار قەشقەر ۋە خوتەننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا قاتتىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى، قەشقەر ۋە خوتەن ئەسكەرلىرى توڭگانلارغا قارشى قاتتىق جەڭ قىلدى. ماخوسەن باشچىلىىدىكى 10 مىڭ كشىلىك تۇڭگان ئاتلۇق قوشۇنى يىمەكلىك ۋە شۇنڭغا ئوخشاش ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن خەلقنىڭ پۇل – ماللىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى، خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ ياساقلارنى قويۇپ يەرلىك خەلققە ئېغىر زۇلۇم قىلدى. بۇ زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمىغان خەلق ئومۇمىيۈزلۈك توپلىشالمىغان بولسىمۇ كىچىك گۇرۇپپىلار ھالدا قوزغىلىپ چىقىپ قارشىلىق كۆرسەتتى.

1934 _ يىلى خۇجانىياز ھاجى رۇسلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق شىڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزدى كېلىشىم بويىچە ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن شىڭسىسەي خۇجانىياز  ھاجىنى قولغا ئالدى ۋە 8000 ئەسكىرىنى قۇرالسىزلاندۇردى. شىڭسىسەينىڭ ھىيلە – مىكىرىنى سىزىپ قالغان گېنىرال مەھىمۇت مۇھىتى ئۈرۈمچىگە بېرىشنى رەت قىلىپ قول ئاستىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن قەشقەرنى قوغدىدى. خۇجانىياز ھاجى رۇسلارغا ئىشىنىپ كېتىپ شىڭسىسەينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتتى.

ئابدۇنىياز يېتەكچىلىكىدىكى مىللىي ئازاتلىق كۈرەش

شىڭسىسەي مەھمۇت مۇھىتىنى ئۈرۈمچىگە بېرىشقا زورلىغاندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىمى 1937 _ يىلى ھىندىستانغا كەتكەن ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئابدۇنىياز ۋە كىچىك ئاخۇننىڭ قۇماندانلىقىدا قوزغىلىپ چىقىپ يەكەن ۋە يېڭىسارنى دۈشمەندىن ئازاد قىلغان. ئابدۇنىياز شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام يولىدا جىھاد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئەسكەرلەر قوللىرىدا <<فى سېبىيىللاھ>> يەنى <<ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش>> دېگەن شۇئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا جەڭ مەيدانىغا ئاتلانغان، كېيىن بۇ قوشۇن قەشقەرنى ئېلىش ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۆتكەن بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن شىڭسىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا يالۋىرىپ ياردەم سورىغان، سوۋېت دائىرىلىرى مۇتىھەملىك بىلەن بۇ ھەرىكەتنىڭ ئازاتلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، زور كۆلەملىك ھەربى تېخنىكا ۋە مۇنتىزىم زامانىۋى ھەربى قوشۇنىنى قانۇنسىز ھالدا چېگىرىدىن كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قىسىملىرىنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلغان.

1937 – يىلى ئاۋغۇستتا سوۋېت ئەسكەرلىرى قىرغىزىستاننىڭ ئوش، نارىن تەۋەلىرىدىن تېز سۈرئەتلىك تانكا قىسىملىرىنى «خىتاي كومپارتىيەسىگە ئېنتىرناتسىئونال ياردەم» نىقابى ئاستىدا خىتايچە كىيىندۈرۈلۈپ قەشقەرگە كەلگەن.

1937 – يىلى 5 – سېنتەبىر، تۇڭگان قوشۇنلىرى يېڭىساردا تارمار قىلىنغان. بۇ ئۇرۇشقا سوۋېتنىڭ 25 ھەربى ئايرۇپىلانى ھەمدە تانكا قىسىملىرى ھۇجۇم قىلىپ، 3000 ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان. 22 – سېنتەبىردە خوتەننى ئىشغال قىلغان. تانكا ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوۋېتنىڭ نارىن گۇرۇپپا ئەسكەرلىرى مارالبېشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ  مىللىي ئارمىيە قىسملىرىنى تارمار قىلغان. ئۇلار يەنە ھىندىستان تەرەپكە ماڭغان 2500 تۆگە، ئېشەكلەرگە يۈكلەنگەن ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق بايلىقنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئايرۇپىلان بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كەتكەن.

1937 – يىلى 5 – دېكابىردا، رۇس نارىن گۇرۇپپا ئەسكەرلىرىنىڭ قۇماندانى ن. نورېيكو رۇس ئەمەلدارلىرىغا يوللىغان دوكىلاتىدا، ئۇرۇشتا ئۇيغۇر قوشۇنىدىن 8000، تۇڭگان قوشۇندىن 5612 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سوۋېت  ن ك ۋ د باش چېگرا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ن. كرۇچىنىكىن برىگاداغا دۇكلات قىلغان، ئۇيغۇر قىسىملىرى يەنە كۇچار، قارا شەھەر ئەتراپلىرىدا سوۋېت قىسىملىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنىپ يوق قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ، مىللىي قەھرىمانىمىز ئابدۇنىياز قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن غالىبىيەت مېۋىسى سوۋېت جاھانگىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە باستۇرۇشى بىلەن يوق قىلىنغان.

1937 – يىلى 13 – ئۆكتەبىر كۈنى، ئۈرۈمچىدە شىڭسىسەي خوجىنىياز ھاجىنى رەسمى قاماققا ئېلىپ، ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى، ۋەتەن خائىنى دەپ تۆھمەت چاپلىغان. بۇ يالغان دېلوغا چېتىپ 8000 كىشىنى تۈرمىگە قامىغان. ئۇلارنىڭ مال – مۈلكلىرى مۇسادىرە قىلغان باندىت شىڭسىسەي مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن سوۋېتتىن ئالغان قەرزنى تۆلىگەن. مۇسا بايدىن 40 ساندۇق، چانىشىۋ ھۈسەيندىن 37 ساندۇق ئالتۇن بۇلاپ كېتىلگەن. تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئېتىلغان. شىڭسىسەينىڭ كاتىبى شى يانفۇنىڭ مەلۇماتى بويىچە سوۋېتتىن كەلگەن سېميونوۋ، قادىر ھاجى، سېيىت ھاجى قاتارلىق ن ك ۋ د رازۋىتكا خادىملىرى شىڭسىسەينىڭ جاللاتلىرى بىلەن بىللە ئىشلەپ جازالاشقا بىۋاسىتە قاتناشقان.

خوجىنىياز ھاجى قاتارلىق 108 مۇھىم كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان تەستىق قەغىزىنى موسكوۋادىن ھاشىم ھاجى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ، ئۆز نازارىتى ئاستىدا 1938 – يىلى 12 – ئايدا خوجىنىيازلارنى بوغۇپ شەھىد قىلغان.

1944 – يىلدىن 1949 _ يىلىغىچە بولغان ئارلىقتىكى ۋەزىيەتلەر،

سوۋىت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىشغالىيەت رايونىغا ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدى. شىڭسىسەينى چاقماق تېزلىكىدە ھاكىمىيەت بېشىغا ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق شەرقىي تۇركىستاندا ئېكىسپالاتسىيە تۈزىمى يۈرگۈزۈپ، چوڭ بىر تازىلاش ۋە يېتىم قالدۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن. بۇ ئەھۋال 1933 ـ ۋە 1934 ـ يىلىدىن باشلاپ، تاكى 1943 ـ يىلىغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان.

2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا گىتلېر قوشۇنلىرى تېز سۈرئەت  بىلەن ئىلگىرىلەپ، موسكۋانىڭ ئەتراپىغىچە يېقىنلىشىپ كەلگەن. رۇسلار ئۈچۈن ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان ۋە رۇسلار تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ھەر بىر بۇيرۇقنى شەرتسىز ھالدا تۇلۇق ئورۇنداپ كېلىۋاتقان شىڭسىسەي، رۇسىيەنىڭ قېيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جاڭكەيشى ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن 1943 ـ يىلىدا خىتاي ئەسكەرلىرى شەرقىي تۇركىستانغا كىرگەن. گومىنداڭ مىللىتارىست خىتاي ھاكىمىيىتى، جاللات شىڭ شىسەينىڭ باشچىلىقىدا 11 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى شەرقىي تۈركىستاندا يۈزمىڭلىغان ئادەمنى قاماپ 8000 دىن ئارتۇق كىشنى ئۆلتۈرگەن. خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ – ياساق، سېلىق سېلىپ، مال – مۈلكنى بولىغان. ئون مىڭ ھەربى ئات بېرىش سېلىقى سالغان.

1940 – يىلى شىڭ ئالتايدىن شەرىپخان قاتارلىقلارنى يىغىنغا چاقىرغان بولۇپ، ئۇلار كەلگەندە، تۈرمىگە سولاپ ئېغىر ئىسكەنجە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ قىيناپ ئۆلتۈرگەن. بۇنىڭغا قارشى  ئالتاي قازاقلىرى قوزغالدى. شىڭشىسەي ئەسكەر ئەۋەتىپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى، ئەمما ئوسمان باتۇر ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. 1942 – يىلى، شىڭشىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنى ھەيدەپ چىقارغان. سانائەت ئورۇنلىرىنى تاقىۋەتكەن. ئىقتىسادى ئالاقىنى ئۈزگەن، ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، گومىنداڭ بىلەن بىرلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنقىلاپلارنى قوللاشقا باشلىغان. 1943 -يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ، ئالتايدىكى ئوسمان باتۇرنىڭ پارتىزانلىرىغا موڭغۇلىيە ئارقىلىق قورال ياردەم بەرگەن. تارباغاتاي ۋە تاشقورغانلاردا پارتىزانلىق ھەرىكەتلەر باشلانغان.

1944 – يىلى 9 – ئاپرىلدا، غۇلجىدا مەخپى  ھالدا، ئازاتلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان. تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي قاتلام ئەزالىرى، ئەلىخان تۆرە، قاسىمجان قەمبەرى، سابىر ھاجى، م. مەخسۇم، سالىقان باي، ئابدۇرائۇف مەقسۇت، زۇنۇن تېيىپ، ج. يولداش، مۇھىددىن، نۇرىددىن بەگ ۋە ئۆمەرجان قاتارلىق كىشلەردىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتقا ئەلىخان تۆرە رەئىس بولغان. تەشكىلات قۇرۇش ئالدىدا سوۋېتنىڭ كونسۇلى دۇباشىن تەرجىمانى ھاكىم جاپپار ئارقىلىق ئەلىخان تۆرىگە تەشكىلات قۇرۇشنى ئېيتقاندا ئەلىخان تۆرە ئىشەنمىگەن لېكىن دۇشابىن ئۇنىڭ كەينىدىن ئارشاڭغا بېرىپ، تەكرار قايىل قىلىش ئارقىلىق كۆندۈرگەن ۋە ئاغزاكى كېلىشىم تۈزگەن. ئەلىخان تۆرە تەشۋىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى 1944 ـ يىلىدا غۇلجىدا مىللىتارىست گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن. بۇ مەزگىلدە رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارمۇ پەس كويغا چۈشۈپ، ھەتتا رۇسىيە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشكە باشىلغان ئىدى. شۇڭا رۇسلار شەرقىي تۇركىستانغا قول تىقىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشىپ، ئەڭ دەسلەپ ئىلى رايونىدىكى مىللەتپەرۋەر قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم قىلىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ، ئىلى رايونىدا غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە 1944 ـ يىلى 11 – ئاينىڭ 12- كۈنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغان، شۇنداق قىلىپ شەرقىي تۈركىسىتان خەلقىي ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئىككىنچى قېتىم قولغا كەلتۈرگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى دەسلەپ موسكۋا، كېيىن سەمەرقەنت ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرىدە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ھاكىم جاپپار، سېتىنبانكو، ئا. ئېزىز باقىيېۋ  قاتارلىق 270 رازۋېتچىكىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن. سوۋېتكە قېچىپ ئۆتكەن فاتىھ، خەمىت، بايچۇرىن، سەيپۇللايىموۋ ۋە مەمەتوۋلارنى تەربىيىلەپ چېگرادىن ئۆتكۈزىۋەتكەن.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي خىتاپنامىسى ئېلان قىلىندى

12 – نويابىر، غۇلجىدا چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەلىخان تۆرە تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ئەلىخان تۆرە رەئىس بولدى، ئوبۇلخەير تۆرە بىلەن ھاكىم بەگ مۇئاۋىن رەئىس بولدى، ئابدۇرائۇف مەخسۇت باش كاتىب  ۋە رەخىمجان سابىر ھاجى، قاسىمجان قەمبىرى، مۇھەممەتجان، مەخسۇم  پوچەرلەر  ئاسىاسىي قاتلام رەھبەرلىك ئەزالىرى بولدى.

1945 – يىلى 5 – يانۋار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 4 –  قېتىمىلىق يىغىنىدا توققۇز ماددىلىق سىياسىي خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

بۇ توققۇز ماددىلىق خىتابنامە تۆۋەندىكىچە:

  1. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىش.
  2. شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش.
  3. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇش.
  4. ھەممە مىللەت ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش.
  5. دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا خەلق ئىشەنگەن كىشىلەرنى سايلاش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىش.
  6. سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە سودا تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش.
  7. مەدەنىي – مائارىپ ۋە سەھىيە ئىشلىرىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدۇرۇش.
  8. دۇنيادىكى خەلقچىل دۆلەتلەر بىلەن، ئەڭ ئاۋۋال سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش.
  9. ئەينى زاماندا خىتاي دۆلىتى بىلەنمۇ دېپلوماتىك ۋە ئىقتىسادى ئالاقە ئورنىتىش. مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىنقىلاب شەرقىي تۈركىستاننى ئۈزۈل – كېسىل مۇستەقىل قىلىش ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىنقىلاب ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوۋېت رەھبەرلىكى «1- دوم» ئارقىلىق ئۇنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا گېنىرال – لېيتنانت ۋ. س. كوزلوۋ (يىگىناروۋ) باشچىلىق قىلغان. ئەلىخان تۆرىگە مۇھسىن، ئەخمەتجان قاسىمىغا سەيدەخمەت ئۆمەروۋ، جانى يولداشقا سۇلايمان روزىيېۋ، مالىيە نازارىتىغا گرىبېنكو، مائارىپ نازارىتىغا ئابدۇللايېۋ، باشباي چولاقوۋقا مەشۇر روزىيېئوۋلار مەسلىھەتچى بولغان.

مىللىي ئارمىيىمىزگە «2- دوم» كونتروللۇق قىلغان. ئۇنىڭ باشلىقى گېنىرال مايور كوزنېسوۋ (لاڭ فاڭ) بولۇپ، قول ئاستىدا پولېنوۋ، ماجروۋ، ئىسھاق بەگ، موگۇتنوۋ، لېسكىن، مەۋلانوۋ، خانىنلار بولغان. ئىچكى ئىشلار نازارىتىدە زاكىر (ئاخار) ئەلى مامىتوۋ، ئىسكەندەرلەر كونترول قىلغان.

مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇشى

1945 – يىلى 8 – ئاپرىل غولجىدا پارتىزان ئەترەتلىرى ئاساسىدا مىللىي ئارمىيە تەشكىل قىلىنغان. غۇلجا شەھىرىنىڭ غەربىدىكى چوڭ مەيداندا 10 مىڭلىغان كىشى قاتناشقان چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەلىخان تۆرە تەرىپىدىن مىللىي ئارمىيىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، تەنتەنىلىك ھالدا تۇغ تاپشۇرۇلدى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى: ئى. پولىنوۋ، مۇئاۋىنلىرى: زۇنۇن. تېيىپوۋ، ئىسھاق بەگ مونونوۋ؛

سىياسى ئىشلار بويىچە باش قوماندان مۇئاۋىنى ئابدۇرېھىم ھەسەنوۋ، شىتاب باشلىقى ماجاروۋ بولۇپ تەيىنلەندى.

شۇ چاغدا ھەربى قىسىملاردا جەمئى 15 مىڭ جەڭچى – ئوفىتسېر بولۇپ، 14 قىسىمغا بۆلۈنگەن:

1 – سۈيدۈڭ 1 – پىيادە پولكى، كوماندىرى موگۇتنوۋ، كومېسارى ئىسھاق بەگ مونونوۋ؛

2 – غۇلجا 2 – پىيادە قىسىم، كوماندىرى پىدايىف، كومېسارى موللاخۇن.

3 – غۇلجا زاپاس 4 – قىسم كوماندىر قېيىم بەگ، كومېسارى غلاجدىنوۋ.

4 – تېكەس ئاتلىق 1 – قىسىم پىدايېۋ، مىڭجىقىيېۋ.

5 – غۇلجا ئاتلىق 2 – قىسىم مەۋلانوۋ، ئىبراھىموۋ.

6 – غۇلجا ئاتلىق 1 – قىسىم نوغۇبايېۋ – سوپاخۇن كومېسسار، ھ . قۇربانوۋ.

7 – توققۇزتارا ئاتلىق 2 – قىسىم يۇسۇپجان، سادىقوۋ.

8 – كەڭ ساي ئاتلىق 3 – قىسىم لېسكىن – مۇرانجان.

9 – مۇستەقىل ئاتلىق دېۋىزىيون م. تاسىروۋ.

10 – مۇستەقىل  زەمبىرەكچىلەر دېۋىزىيونى (ۋولكوۋ، ئاتبايانس).

11 – موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنى – ئېردە بولغۇنوۋ، ھاشىر ۋاھىدى.

12 – تۇڭگان ئاتلىق قوشۇنى -م لومىيېۋ، مۇقىت.

13 – مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى – خانىن.

14 – شىۋە ئىسكادرونى- باينتو، مۇرتىزەن.

مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدە گومىنداڭ قوشۇنىدىكى ئۇيغۇر جەڭچى – ئوفېتسرلار ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللىي ئارمىيە سېپىگە ئۆتكەن. 1945 – يىلى 27 – ئاپرىلدا مايتاغدىكى سوپاخۇن 97 جەڭچىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيىگە قوشۇلغان. ئالتاي سارتوقايدىن مۆمىن مۇپتىللا ئۆز قىسمىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيىگە ئۆتكەن. چۆچەكتىكى قۇماندان ئابلاخان ئۆز قىسمىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيىگە ئۆتكەن.

تارباغاتاي ۋىلايىتىدە غوجا ئەخمەت، رېۋو، دېنىسوفلار، جەمىنەيدە موللا ئىسلام ئىسمائىلوۋ، تولى ناھىيەسىنىڭ مايلى تېشىدا قازاق پارتىزان ئەترىتى ھەرىكەت قىلغان.

ئالتايدا ئوسمان باتۇر، دەلىلخانلارنىڭ چوڭ ئەترەتلىرى، تاشقورغاندا چوڭ پارتىزان ئەترىتى قۇرۇپ ئالتاي، قەشقەر، يەكەن، ۋىلايەتلىرى تەۋەلىرىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1945 – يىلى ئاپرىلدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈچ سەپ بويىچە ھەرىكەت قىلغان. شىمالدا دەلىلخان، لېسكىنلار، ئوتتۇرا يۆنىلىشتە پولېئوۋ، ئىسھاق بەگلەر باشچىلىق قىلغان. جەنۇبىي يۆنىلىشتە سوپاخۇن، شىتاب باشلىقى ھۈسەين غازىيېف، دىنىي رەھبەرلەر داموللا رازىيېف، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى قاسىمجان قەمبىرى، ئا. شاكىروفلار بولغان ئىدى.

1945 – يىلى 31 – ئىيۇلدا چۆچەك، 6 – سېنتەبىردە ئالتاي شەھەرلىرى ئازات قىلىنغان. سېنتەبىرنىڭ بېشىدا جىڭ ۋە شىخو ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەر ئەڭ چوڭ جەڭلەر ئىدى. بۇ ئىككى ئۇرۇشتا خىتايلارنىڭ 2000 ئەسكىرى يوقىتىلىپ، 2500 ئەسكەر، ئىككى گېنىرال، 100دىن ئارتۇق ئوفېتسىر ئەسىر ئېلىنغان. شىخو ئۇرۇشىدا قۇماندان مەمتىمىن ئۆمەروۋ خىتاينىڭ بىر پولكوۋنىكى باشلىق 24 ئوفېتسىرى، 134 ئەسكىرىنى ئەسىر ئېلىپ،«ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش» مېدالىغا ئېرىشكەن.  ئاقسۇدا يەنە لوتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىددىن خوجا قاتارلىق 28 ۋەتەنپەرۋەر ياش گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1947 ـ يىلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمىتى

جاڭكەيشى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللى ھۆكۈمەت بىلەن غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇزاكىرلەرگە جاڭجىچۇڭنى ۋەكىللەر رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەن. جاڭجىچۇڭ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرنىڭ شەكلى ھەققىدە سوۋىت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى بىلەن ئالدىن مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن 1945 ـ يىلى ئۇرۇمچىگە كەلگەن. ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملاپ چۇڭچىڭغا كەتكەن.

رۇسلار شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسلار ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي تۈركىستانغا ئۈلگە بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەر خىل ھىلە ـ نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئۇلار خىلمۇ خىل بېسىملارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى جاڭكەيشى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان.  1945 ـ يىلى 14 ـ ئۆكتەبىردە شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ۋەكىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇمچىدە مۇزاكىرىلەر باشلانغان. سەككىز ئاي داۋام قىلغان سۆھبەتتىن كېيىن، 1946 – يىلى 6 – ئىيۇندا ئۈرۈمچىدە  بېتىم تۈزۈلۈپ ئىمزالانغان. ئىمزالانغان 11 ماددىلىق «تىنچلىق بېتىمى» تۆۋەندىكىچە:

  1. ھۆكۈمەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۆزلىرى ئىشىنىدىغان يەرلىك زاتلارنى مەمۇرى ئەمەلدارلىققا سايلاش ھوقۇقىنى بېرىدۇ.
  2. ھۆكۈمەت دىنىي كەمسىتىشنى بىكار قىلىدۇ. ھەمدە خەلققە تولۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىدۇ.
  3. دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خەت – چەك ھۆججەتلىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا تۈزۈلىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان خەت ئالاقىلىرىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
  4. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەر مىللەت ئۆز تىلىدا دەرس ئوقۇيدۇ. ئەمما ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي يېزىقى ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرس قىلىنىدۇ.
  5. ھۆكۈمەت مىللىي مەدەنىيەت – سەنئەتنىڭ ئەركىن راۋاجلاندۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
  6. ھۆكۈمەت مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈش ۋە نۇتۇق سۆزلەش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
  7. ھۆكۈمەت خەلقتىن ئالىدىغان باجنى ئەمىلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ قۇدرىتىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ.
  8. ھۆكۈمەت سودىگەرلەرگە ئىچكى ۋە تاشقى سودا ئەركىنلىكىنى بېرىدۇ. بىراق سودىگەرلەرمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىملىرىگە رىئايە قىلىشلىرى كېرەك.
  9. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىۋىنى مەركەز تولۇقلايدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى 25كە قەدەر كۆپەيتىلىدۇ. بۇ ئەزالاردىن 10 كىشى مەركەز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قالغان 15 كىشىنى ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى خەلق ۋەكىللىرى سايلاپ كۆرسىتىدۇ ۋە مەركەز تەستىقلايدۇ.

10. يەرلىك خەلقلەرگە مىللىي ئارمىيە قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىۋى يەرلىك مۇسۇلمانلاردىن بولۇشى شەرت. بۇ مىللىي قىسىملار مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ تۈزۈلۈش تەرتىۋىگە موۋاپىق قايتا قۇرۇش يولى بىلەن تەشكىل قىلىنىدۇ.

11. ۋەقە يۈز بەرگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ھەر ئىككى تەرەپ قاماققا ئالغان كىشىلەر مەسىلە ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، 10 كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن ھەر قانداق باھانە – سەۋەپ بىلەن كەمسىتىلمەسلىكى كاپالەت قىلىنىدۇ.

گومىنداڭ ھۆكۈمەت ۋەكىلى – جاڭ جىجۇڭ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى – رەخىمجان سابىر ھاجى. ئوبۇلخەير تۆرە. ئەخمەتجان قاسىمى.

1946 ـ يىلى ئىيۇندىكى كېلىشىمگە بىنائەن سۇڭ جۇڭشىڭنىڭ باشچىلىقىدا يېڭى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىلغان. ئەھمەتجان قاسىمى ، باش مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئەينى چاغدا بۇ 25 كىشىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئارىسىدا ئاساسلىق غايىسى شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق مۇستەقىللىققا ئىرىشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان 7 كىشىلا بار بولۇپ، قالغان كىشىلەر خىتاي ۋە ياكى رۇسيە تەرەپتارلىرى ئىدى. رۇس جاسۇسلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان سەيپىدىن ئەزىزى، رەھىمجان سابىروۋ ۋە ئابدۇل كەرىم ئابباسوۋ بولسا، ھۆكۈمەت ئىچىدە مۇھىم مەنسەپلەرگە ئىگە ئىدى. بۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تاكى 1949 ـ يىلى 13 ـ نويابىردا خىتاي كومېنست ھاكىمىيىتى قوشۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا شەھرى قۇمۇلغا بېسىپ كەلگەنگە قەدەر داۋاملاشتى.

1944 – 1949- يىللاردىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەپلىرى

2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا 1945-يىلى 4-11- فېۋرال كۈنلىرى ئۇكرائىنادىكى قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ يالتا شەھرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى. ئەنگىلىيە دۆلەت رەھبەرلىرى كېلىشىمى بويىچە «ئۈچ بۈيۈك دۆلەت رەھبەرلىرى خىتاينىڭ بىر پۈتۈن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دېمۇكراتىك  دۆلەت بولۇپ قېلىشىنى قوللايدۇ»دېيىلگەن ھۆججەت ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ چوڭچىڭ (شۇ چاغدىكى خىتاينىڭ ۋاقىتلىق مەركىزى) شەھرىدىكى ئەلچىسى خېرلى ئارقىلىق جاڭكەيشىگە تاپشۇرۇلغان. ئۇ يەنە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ يىڭى پرېزىدېنتى ترۇمىن ھاۋالە قىلغان خەتنىمۇ تاپشۇرغان بولۇپ، بۇ خەت 1945-يىلى 28-مايدا ترۇمىننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى – خوپكېنس موسكوۋادا ستالىن بىلەن ئۇچراشقاندا ستالىن ئۆز ئۈستىگە ئالغان كاپالەتنامە ئىدى. بۇ ھۆججەتتە ستالىن خىتاينىڭ جاڭكەيشى رەھبەرلىرىكىدە «بىرلىككە كەلگەن قۇدرەتلىك دۆلەت» بولىشىنى بارلىق كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھۆججەتتە ئېنىق قىلىپ «سوۋېت ھۆكۈمىتى جاڭكەيشى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ ۋە مانجۇرىيىگە ئېگىلىك ھوقۇقى بارلىقى توغرىدىكى باياناتقا تولۇق قوشۇلىدۇ» دەپ يېزىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈڭ زېۋىن 1945-يىلى 1- ئىيۇلدا ستالىن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇشۇ ھۆججەتنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلاتقان. شۇ سۆھبەتنىڭ ئەسلى مەزمۇنى مۇنداق: «ستالىن- سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تاشقى موڭغۇلىيە مۇستەقىل بولۇشى كېرەك. مۇستەقىل موڭغولىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستانە سىياسەت يۈرگۈزگەندىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدۇ.» دېگەن. ستالىننىڭ بۇ تەلىۋىنى قوبۇل قىلالمىغان سۈڭزېۋىن جاڭكەيشىگە تېلېگرامما يوللاپ – ستالىن تاشقى موڭغولىيە مەسىلىسىدە قەتئى تۇرۇۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى ئويلاشقىچە سۆھبەتنى توختىتىپ تۇرىمىزمۇ قانداق؟ دەپ يول يوروق سورىغاندا، جاڭكەيشى 1945-يىلى 5- ئىيۇلدا چوڭچىڭدا ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ يىغىن ئاچقان. جاڭكەيشى سۈڭزېيۋىنغا «ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭ بىلەن ئىچكى موڭغولىيىنى خىتاينىڭ ئېگىدارلىقىدا دەپ ئېتىراپ قىلسا ۋە بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلسا، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغولىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار» دەپ تېلېگرامما يوللىغان. 1945-يىلى 9- ئىيۇندا ستالىن بىلەن سۈڭزېۋىن سىتالىنغا، بىز سىزنىڭ تەلىۋىڭىزنى قوبۇل قىلىپ، موڭغولىيىنى ئېتىراپ قىلىمىز، سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدىكى ئىسياننى باستۇرۇشقا بىزگە قانداق ياردەم بېرىدىكىن؟ دەپ سورىغاندا، ستالىن_ بۇ تەلەپكە قوشۇلىدىغانلىقىنى ۋە كېرەك بولسا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

مانا مۇشۇ كېلىشىم ئاستىدا 1945-يىلى 13-ئاۋغۇستتا موسكوۋادا «سوۋېت – خىتاي دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى ئىمزالاندى». شەرتنامىدا ، خىتاي ھاكىمىيىتى تاشقى موڭغولىيىنى ئېتىراپ قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى دەپ تونۇغان ۋە ئارىلاشمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

مانا شۇنداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قان كېچىپ كۈرەش قىلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئازات، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى دۆلىتىمىز، خىتاي، رۇس ئىمپېرىيىلىرىنىڭ جاھانگىرلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن يولسىز ۋە زوراۋانلىق بىلەن قۇربان بولغان. بۇنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، رۇس ۋە خىتاي جاھانگىرلىرى «11بىتىم» ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى تىزگىنلەپ، مىللىي ئارمىيىمىزنىڭ سانىنى 30 مىڭدىن 12700 ئەسكەرگە  قىسقارتىۋەتكەن. گومىنداڭ خىتاي  ئەسكەرلىرىنى بولسا شەرقىي تۈركىستاندا 100 مىڭ ئەسكەرگە يەتكۈزگەن.

مىللىي ئارمىيىمىزنى ھۇجۇم قىلالمايدىغان پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. شۇنداقلا مىللىي ئارمىيىمىز كۈچى بىلەن گومىنداڭنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا تۇتۇپ تۇرۇپ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ياردەم قىلغان. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1949-يىلى يازدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە غەلبىسى مۇقىملىشىپ قالغان پەيتتە ئامېرىكا دېپلوماتلىرى خىتاينىڭ غەربى شىمال ئۆلكىلىرىدىكى ما فامىلىك تۇڭگان مىلىتارىستلارنى شەرقىي تۈركىستانغا چېكىندۈرۈپ، شۇ يەردىكى كوممۇنىزىمغا قارشى كۈچلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى»قۇرماقچى بولغان. بۇنى سېزىپ قالغان سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي كومپارتىيىسىگە تەكلىپ قىلىپ، كومپارتىيە ئارمىيىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا بىر يىل بۇرۇن كىرگۈزۈشنى قولغا كەلتۈرگەن. 1949-يىلى 7- ئايدا مولوتوۋ خىتايغا مەخپى بېرىپ، ماۋزىدۇڭغا «شىنجاڭغا تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە بەرسەڭلار يىتەرلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن چوڭ ھوقۇق بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق » دېگەندە ماۋزېدۇڭ خىتاي خوش بولۇپ ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن.

ئەينى چاغدا ئەھمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستاندا سىياسى جەھەتتە ئوچۇق ئاشكارا ھالدا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگەشكەن بولۇپ، سۇڭجۇڭشىڭ بىلەن ئەھمەتجان قاسىمىنىڭ  ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى ھۆكۈمەتنى ئوسمان باتۇر بىلەن ئەلىبەگ رەھىم ئېتىراپ قىلغىلى ئونمىغان ھەمدە خىتايلارغا ۋە رۇسلارغا قارشى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. شۇ ۋەجىدىن گومىنداڭ خىتاي يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. 1947 ـ يىلنىڭ  باشلىرىدا ئاتاقلىق جامائەت ئەربابلىرىدىن ، دوكتور مەسئۇت سابىرىنى باش رەئىس، ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىننى ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ۋە جانىمخان ھاجىنى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە مىنىستىرى قىلپ تەيىنلىگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ نەپەر مىللەتپەرۋەر زات دەسلەپكى قەدەمنى ھۆكۈمەت ئىچىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرىنى تازىلاپ چىقىرىشتىن باشلىدى.  ئەھمەتجان قاسىمى ۋە سەپداشلىرى ئىلى  رايونىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. يەنە كېلىپ بىر ۋەتەنپەرۋەر كىشىنىڭ رەئىس بولۇپ بەلگىلىنىشى رۇسلارنىمۇ ئالاقزادە قىلىۋەتكەن ئىدى. كومېنىستلار بۇ قېتىم ئىلى رايونىدىكى كومېنىزىم تەرەپتارلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن گومىنداڭ خىتايلارغا قارشى ئۇرۇش باشلاشنى تەشەببۇس قىلغان.

بۇ جەرياندا سوۋىت ئىتتىپاقى ئالتاي رايونىدىكى ئالتۇن ۋە (volfram) كانلىرىنى ئەسكىرى كۈچىگە تايىنىپ تالان تارج قىلماقتا ئىدى. ئوسمان باتۇر رۇسلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويغاندىن كېيىن ئالتايدىكى  قوزغىلاڭ مەركەزلىرى رۇس ۋە موڭغۇلىيە ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان. ئوسمان باتۇر بۇ قېيىن ئەھۋالدا رۇسلارغا قارشى خىتايلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر  بولغان. 1947 ـ يىلى 18 ـ مايدا ئۇرۇمچى ھۆكۈمىتى بىلەن ئوسمان باتۇر ئوتتۇرىسىدا رۇسلارنى ئالتاي، ئىلى ۋە تارباغاتاي رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىش شەرتى بىلەن خىتايلار ئوسمان باتۇر ۋە ئەلى بەگ رەھىمنىڭ قوشۇنلىرىغا قورال ياردەم قىلىدىغان بولۇپ، رەسمىي كېلشىم ئىمزالانغان. ئەمما گومىنداڭ خىتاي كومىنىست خىتايلارغا قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئوسمان باتۇر بىلەن ئەلىبەگ رەھىمگە قورال ـ ياراق يوللاشنى توختاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ رۇسلارنى رايوندىن قوغلاپ چىقىرىش كۈرەشلىرى نەتىجىسىز قالغان. يەنە بىر تەرەپتە بولسا، يېڭى رەئىس مەسۇت سابىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاردىن پۈتۈنلەي ئايرىپ چىقىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىش خىتايلارنى قاتتىق ساراسىمىگە سالماقتا ئىدى. ئاخىرى 1949 ـ يىلى 1 ـ يانۋاردا  مەسۇت سابىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇ ئۆزىگە تەكلىپ قىلىنغان ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى رەت قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلمىغان. مەسۇت سابىرى ئاخىرىدا 1951 ـ يىلى كومېنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپدىن قولغا ئېلىنغان. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ باش رەئىس سۈپىتىدە ئۆزى سوۋىت ئىتتىپاقى پۇقراسى بولغان شۇنداقلا شەرقىي تۇركىستاندا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپى تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بۇرھان شەھىدى باش رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن ئىدى. خىتاي جاڭ جىجۇڭ باش كاتىپ بولغان. بۇرھان شەھىدى ئەمدىلىكتە بىر تەرەپتىن خىتايلارنى تەسكىن تاپقۇزۇش، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇرۇمچىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى باش كونسولىنى ۋاقتى ـ ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشتەك ئىككى يۈزلەمچى سىياسەت ئوينىغان. بۇرھان شەھىدى رەئىس بولغاندىن كېيىن رۇسلار شەرقىي تۇركىستاندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى بىر كېلىشم ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە مىللىتارېست گومىنداڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتى ئاخىرلىشىشقا يۈزلەندى. 1949 ـ يىلى 1 ـ ئاۋغۇست كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى باش كونسۇلى ئالېكساندېر سەمىلوۋ گومىنداڭ مىللىتارېست خىتاي ھاكىمىيىتى قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى باش قوماندانى تاۋسىيۇغا  ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەربىي ھوقۇقىنى خىتاينىڭ شىمالىدىكى كومېنست خىتاي ھاكىمىيىتى گېنېرالى پىنتى خۇئاغا   تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرىغان. 1949 ـ يلى 26 ـ سىنتەبېردە باش رەئىس بۇرھان شەھىدى بىلەن تاۋسىيۇ ئوتتۇرىىسدا كېلىشىم ئىمزالانغان.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سوۋىت ئىتتىپاقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىلى رايونىدىكى ئەھمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەك، ئابدۇلكەرىم ئابباسوۋ ۋە دەلىل قان قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كومېنست ھاكىمىيىتىگە تەۋە بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغان. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشنى خالايتتى. ئۇلار 1949 ـ يىلى 15 ـ ئاۋغۇست كۈنى  ئالماتاغا تەكلىپ قىلىنغان. 1949 _ يىلى 8 – ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركسىتان ۋەكىللىرى رۇسلارنىڭ چاقىرقىنى قوبۇل قىلىپ ئايرۇپىلان بىلەن يولغا چىققان كېيىن سوۋېت ئىركۇتىسكى دىكى تاشقى بايقال كۆلى ئەتراپىدا ئايرۇپىلان تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ ئايرۇپىلاندىكى پۈتۈن رەھبەرلەرنىڭ قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋە  تونۇلمايدىغان ھالەتتىكى جەسەتلەر شەرقىي تۈركسىتانغا كەلتۈرۈلگەن. ئەمما رەھبەرلەرنىڭ ئۇ ئايرۇپىلاندا ئەمەسلىكى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ دىكتاتۇر جاللات سىتالىن تەرىپىدىن موسكۇۋا ئەتراپىدا بىر تۈرمىگە قامىلىپ قىيىن – قىستاق بىلەن  ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان. ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي قۇماندانلارمۇ سۈيقەستكە ئۇچىرىغانلىقى ئۈچۈن 40 مىڭ كىشىلىك شەرقىي تۈركسىتان مىللىي ئارمىيىسى قۇماندانسىز قالغان.

بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن كېيىن رۇس ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ  تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن سەيپىدىن  ئەزىزىغا ئوخشاش كوممۇنسىتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. سەيپىدىن ئەزىزى رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ،  بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى يىل قالماقچى بولغان ۋە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتكە ياردەم قىلماقچى بولغان. خەلقنىڭ  قاتتىق قارشىلىققا ئۇچىرىغان بۇ كېلىشىم بويىچە قىزىل خىتاي كوممۇنسىتلىرى بىر پايمۇ ئوق ئاتماستىن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان. ۋاڭ جىن دېگەن خىتاينىڭ قۇماندانلىقىدا شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەن خىتاي ئارمىيىسى قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە ئىككى مىليونغا يېقىن دىنى ئالىملارنى، زىيالىلارنى ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. 1955 _ يىلى شەرقىي تۈركسىتاننى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دېگەن نام بىلەن پۈتۈنلەي خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئالغان.

20- ئەسىرنىڭ 2- يېرىمىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن بولغان كۈرەشلەر

1949-يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى رۇس ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويۇشى ۋە ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى بىر پاي ئوق ئاتمايلا «تىچ» يول بىلەن ئىشغال قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن يوق قىلدى.

1950 -يىلىدىن باشلاپ «ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش»، «ئىجارە كېمەيتىش»، «يەر ئىسلاھاتى» قاتارلىق جازا ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ سابىق مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقانلارنى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېر جەڭچىلىرى، يۇرت مۆتىۋەرلىرى، بايلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار ۋە زىيالىلار بولۇپ يۈز مىڭلىغان ئادەمنى تۈرمىگە تاشلىغان. مىڭلىغان يەرلىك خەلق ۋەكىللىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1951-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەكسىل ئىنقىلابچى، پانتۈركىست، پان ئىسلامىست دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن، ئوسمان باتۇر، مۇھەممەت ئىمىن، چىڭگىزخان داموللام، قۇربان قۇداي قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن سىنىپى كۈرىشى ئەمىلىيەتتە مىللىي كۈرەشنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر پائالىيەت بولۇپ، ھەقىقەتتە جازالانغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلق ۋەكىللىرى ئىدى.

خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمرانلىقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىپلا باشلىۋەتكەن بۇ جازالاش قىلمىشلىرى ئەزەلدىن مۇستەقىللىق يولىدا كۈرەش قىلىپ كەلگەن خەلقىمىزنىڭ قارشىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ داۋامى، شىمالدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ داۋامى يوشۈرۈن ھەرىكەت قىلىدى. 1950-يىلى غۇلجا شەھرىدە ئابدۇللا داموللام تەرىپىدىن مەخپى ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى قۇرۇلۇپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالتايلاردا ئۇنىڭ تارماق تەشكىلاتلىرى بارلىققا كەلگەن ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلغان.

تارىخى ئىسپاتلارغا قارايدىغان بولساق، يېقىن تارىختا قۇرۇلغان 1933 ۋە 1944 – يىللاردا قۇرۇلغان ھەر ئىككى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدا خىتاي ۋە رۇسنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالىدىغانلىقى، كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ۋە خىيانەت قىلغانلىقىنى ئۇچۇق كۆرگىلى بولىدۇ.

خۇلاسە

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر، جاسارەتلىك قەھرىمان خەلق، تارىخقا قارايدىغان بولساق خەلقىمىز ھېچ قاچان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئەمەس، بەلكى ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيىلىك تۈپەيلىدىن دۈشمەننىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ كەتكەن.  دۈشمەن كۈچلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇرۇش قىلىپ ئەمەس ئالدامچىلىق ۋە خىيانەتچىلىك بىلەن بېسىۋالدى. تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئالدىنىپ كېتىشى، رۇس ۋە خىتايلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن سابىت داموللامنى شەھىد قىلىشى، خۇجىنىياز ھاجىمنىڭ ئالدىنىپ كېتىشى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ سۈيقەستكە ئۇچىرىشى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ تارىخى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ۋە رۇسلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالدىغان ۋە خىيانەت قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئاقكۆڭۈل قەھرىمان خەلقىمىز دۈشمەنلەرنىڭ ئالدامچىلىق ۋە خىيانەت قىلىشى بىلەن شەھىد قىلىندى. مۇستەقىل دۆلىتىمىز قولدىن كەتتى.

كۆپ قىسمى ئۇرۇش، ئىشغالىيەت، ئىنقىلاب، قوزغىلاڭ ۋە قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت قانلىق ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئېچىنىشلىق كەچمىشنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ھازىرغىچە يورۇقلۇققا چىقالماي، زۇلمەتتىن نۇر ئىزدەپ كېچە – كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىرقى مەدەنىيەت دەۋرىدىمۇ ئىنساندەك ياشاش ھەق – ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ھالدا ياشىماقتا.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچ قاچان ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمىدى،  بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۇنيادا مۇستەقىل، ھۆر ياشاش ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر تۈرلۈك تىل، دىن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە دۈچ كېلىۋاتقان ئاسىملىياتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. غەلىبە ۋە نۇسرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەشچان باتۇر ئوغلانلارنى كۆپلەپ يېتىشتۇرۇپ چىقىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتان ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتى ۋە خەلقىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم ئازاد بولىدۇ، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل. پات ئارىدا شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئازاد بولۇپ ھەممىمىز مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام بايرىقى ئاستىغا جەم بولىمىز، ئىنشائاللاھ.

مۇساجان ئارسلانتاش

ئىستانبۇل

2017/ 11/ 12

About admin

Leave a Reply