شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا، 1933- ۋە 1944- يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

12 – نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن، بۇ كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان كۈن بولۇپ، ھەر يىلى 12 – نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يىغىن – مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ مۇستەقىللىقىنى خاتىرلەپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 12 – نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ،  1933- ۋە 1944- يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر دىيارىدا پات – پۇرسەتتە يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىق بايرىمى تەنتەنە قىلىدىغانلىقىغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن ئەتتىگەن سائەت 09:00 دا باشلانغان بولۇپ ئۇيغۇرلار مىللىي دوپپىلىرىنى كىيىشىپ قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلار بىلەن زالغا كىرىپ ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى.  يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى، يىغىندا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلار سەھنىگە چىقىپ ئىستىقلال مارشىنى جاراڭلىق ئوقۇدى. يىغىن ئەھلىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىستىقلال مارشىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

كېيىن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى ۋە 1933- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 – يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل نۇمۇر كۆرسەتتى. شېئىر دىكىلىماتسىيە قىلدى.

ئۆسمۈرلەر ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە كېلەر قېتىملىق تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆز ۋەتىنىدە ئۆتكۈزۈش ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى.

كېيىن ئۆسمۈرلەر يەنە تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەسسە قوشقان بىر تۈركۈم مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئىگىز كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە  ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار ، 1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1994 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ئىلمىي ماقالىلىرى تەقدىم قىلدى.

تۈركىيە قاھرامانماراش سۈتجى ئىمان ئۇنىۋېرىسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا, «1933  – يىلىدىىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى» دېگەن تېمىدا توختىلىپ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىرى ئاپپاراتى، ئىچكى كابىنت مىنسىتىرلىرى ۋە ئاساسىي قانۇنلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالدى. دوكتۇر ئالىمجان يەنە خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ دەسلەپتە ھەرىكەتنى بىرلىكتە باشلىغانلىقىنى، شۇ دەردە نەشىر قىلىنغان ئىستىقلال مەجمۇئەسى ۋە ئەلھايات گېزىتى قاتارلىق تارىخىي مەنبەلەردىن كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەلىل پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى  ئىلمىي خادىمى ». رەخمەتجان يۈسۈپۇۋ، «1944 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى، 1949 – يىلى خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغان ئامىللار»، دېگەن تېمىدا. مارمارا ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار، «تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ كۈرەش ۋە مۇجادىلىمىزدىكى رولى»، دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

بۇ يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر دىيارىدا پات – پۇرسەتتە يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىق بايرىمى تەنتەنە قىلىدىغانلىقىغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

About admin

Leave a Reply