پائالىيەتكە تەكلىپ

پائالىيەتكە تەكلىپ

ئەسسالام ئەلەيكۇم قىممەتلىك قېرىنداشلار!

9-10 – دىكابېر كۈنلىرى ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 63 دۆلەتتىن 300دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يېڭىكاپى ئاۋرۇئاسىيا سەنئەت مەركىزىدە خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسى ئېچىلىدۇ.

بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت – ئۆرۈپ – ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئېچىلىدۇ ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يەرمەنكە جەرىيانىدا شەرقىي تۈركسىتان، كەشمىر، ئاراقان، پەلەستىن توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، «ئاسارەتتىكى تۈرك ئىسلام يۇرتى شەرقىي تۈركىستان » دېگەن تېمىدا سۆز قىلىدۇ.

بۇ پائالىيەت ۋە يىغىنغا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

ئورنى: يېڭىكاپى ياۋروئاسىيا سەنئەت مەركىزىدە

ۋاقتى: 12-ئاينىڭ 9 – كۈنى ئەتتىگەن سائەت 09:00 دا باشلىنىدۇ.

About admin

Leave a Reply