ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى

28 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىدىكى كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى  ئابدۇللاھ ئاياز ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈركمەن، سۈرىيە ۋە ئىراق تۈركلىرىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا تۈرك دۇنياسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت رەئىسلىرى ۋە ياكى ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۆسەيىن ئەلگۆرمۇش ئەپەندىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئېچىلغان يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز قاتارلىق مەسئۇللار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا، ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن مالايسىيە ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيىگە كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، سۈرىيە ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى، كەركۆك ۋە مۇۋسۇلدىن قېچىپ كەلگەن تۈركمەنلەر، ئافغانىستاندىن كەلگەن ئۆزبېكلەر قاتارلىق مۇساپىر – مۇھاجىرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئىقامەت ئېلىشى، ئىقامەت ئالغانلارنىڭ خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشى، دوختۇرخانىدا ھەقسىز داۋالىنىشى، ئىقامىتى يوق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ مەكتەپلەركە قوبۇل قىلىنىشى، خۇسۇسەن ئۇيغۇر مۇساپىر – مۇھاجىرلار دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى يېزىپ 12 تۈرلۈك مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىقامەت ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇيغۇرلاردىن تۈرك پۇقراسى بىر كىشىنىڭ كېپىل بولۇش شەرتىنى بىكار قىلىش. رەشىت بولمىغان ئۆسمۈرلەر ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغاندا ئاتا – ئانىسىنىڭ تەستىقىنى تەلەپ قىلماسلىق. ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىقامىتىنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلماستىن تىز سۈرئەتتە تەستىقلىنىپ چىقىشى. ئىنسانپەرۋەرلىق تۈردىكى مۇددىتى 1 يىللىق ئىقامەتلەرنىڭ ئورنىغا ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز ئىقامەت بېرىش. تايلاند ۋە مالايىسىيە ئارقىلىق تۈركىيىگە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ پاسىپورت ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كىملىك بەلگىلىرى بولمىغان ۋە ياكى يوقاپ كەتكەنلەرگىمۇ ئىقامەت بېرىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھەقتە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: تايلاند ۋە ياكى مالايسىيە ئارقىلىق تۈركىيىگە كىرىشتە ئايرىدۇرۇمدا ئالغان ساياھەت بەلگىسى يوقاپ كەتكەنلەرنىڭمۇ ئىقامەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش. ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەستىقلانغان تۇغۇت بەلگىسى تەلەپ قىلىش شەرتىنى بىكار قىلىش. قولىدا ھېچ قانداق كىملىك بەلگە – ياكى ھۆججەت بولمىغانلارمۇ ئىقامەت ئىلتىماس تەلىپىنىڭ قوبۇل بولۇشى. كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش. جىنايى پاكىتى ئېنىق بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلماسلىق. 2017 – يىلى 1 – يانۋاردىن بۇرۇن ۋە ياكى كېيىن كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىقامەت بېرىش تەلەپ قىلىندى. قەيسەرى ۋە ياكى باشقا جايلاردا تۇتۇلۇپ كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە  ھەپتىدە بىر قېتىم ساقچى ئىدارىسغا كېلىپ ئىمزا قىلىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ئېلىشىغا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش. تايلاند ۋە مالايسىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. سەئۇدىي ئەرەبىستاندا كىملىكى يوق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈش، ئىقتىساد ۋە شېركەتلىرىنى تۈركىيىگە يۆتكىگەن مۇھاجىرلارغا ۋىزا ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە تۈركىيىدە ئىقامەت بىلەن تەمىنلەش، ساياھەت پاسپورتى بىلەن تۈركىيە چىگىراسىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماستىن كىرىشكە روخسەت قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تايلاند ۋە مالايسىيە ئارقىلىق نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيىگە كەلگەنلىكىنى بۇ جەرىياندا كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، بەزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بەزىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋەتەندە ئۆزى تۈركىيىدە بولۇپ، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ پارچىلىنىپ ئايرىلىپ كەتكەن ئائىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ يول مېڭىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ مەسىلىلەرگە جىددى قارايدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا تەلەپ شەكىلدە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ مۇزاكىرە يىغىنى ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىغىن، چۈنكى، تۈنجى قېتىم ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن دۆلەتنىڭ رەسمى ئەربابلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇپ كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى كەڭ تۈردە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. كۆچمەن مۇساپىرلار مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دائىرلەر ۋە مەسئۇللار تەرىپىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە كەڭ تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە سەمىمىيىلىك بىلەن جىددى قاراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيمەن. يەنە بىر مۇھىم نوقتا شۇكى، تۈركىيىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان ۋە ياكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولغان ھەر قانداق بىر قېرىنداش مىللەت بولسۇن، خۇسۇسەن ھېچ بىر ئۇيغۇر ھېچ بىر شەرقىي تۈركسىتانلىقنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسمائىل جېنگىز بۇ يىغىننى خۇلاسىلاپ مۇنداق دېدى: نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم مەسىلىلەردىن شۇكى ئىپادىلەيمەنكى، شەرقىي تۈركسىتان، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە ئىراقتىن تۈركىيىگە كېلىپ پاناھلانغان قانداش مىللەتلەر، تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى، زۇلۇم، بېسىم ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا دۈچ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ تۈركىيىگە كەلگەنلىكىنى. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش مۇھىتىغا ماسلىشىشى، خۇسۇسەن ياشلارنى تەربىيىلەپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۇرۇش. كەسپىي ساھەلەردە كۇرسلاردا ئوقۇتۇپ كەسىپىلىشىشى ئۈچۈن ئىجرا قىلىدىغان پىلان – لايىھەلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – ئورگانلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۇق.

About admin

Leave a Reply