خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

2- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە خالىسانە بىرلەشمە فوندى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا 9-10 – دىكابېر كۈنلىرى 2- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئېچىلدى.

ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يەرمەنكە  12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، يېزىلىشىچە يەرمەنكە جەرىيانىدا ئېچىلىدىغان مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئاسارەتتكى تۈرك ئىسلام يۇرتى شەرقىي تۈركىستان دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ تېمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلەر توغرىسىدا پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يەرمەنكىگە 63 دۆلەتتىن 300 مۇھىم  ئاممىۋىي تەشكىلاتلار قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرى ۋە  خىزمەت – پائالىىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە .ئېچىۋاتقانلىقىنى. بۇ پائالىيەتكە باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئافاد ياردەملىشىش ئىدارىسى. قىزىلئاي جەمئىيىتى، دىيانەت ئىشلار باشقارمىسى، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەرگە ياردەم بېرىش ئىدارىسى (يې تې بى) يۈنىس ئەمرى ئىنىستىتۇتى، مائارىپ ۋەخپى، ئانادولىيە ئاگېنتلىقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەرەب – ئىسلام دۆلەتلىرىدىن يەنە كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىدارە – ئورگانلارمۇ قاتنىشىپ كۆرگەزمە ئاچتى.

يەرمەنكىدە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى قۇرت ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

ئەلى قۇرت ئەپەندى بۇ يەرمەنكىنىڭ مەقسىتى، ئىسلام دۇنياسىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، تونۇشۇش، ، ئۆز ئارا ماسلىشىش، ئۆز – ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئىزچىل ھەمكارلىشىشنى نىشان قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قاتناشقۇچىلار يەرمەنكە جەرىيانىدا ئۆزلىرى ئاچقان كۆرگەزمە ئورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت – پائالىيەتلىرىنى، ئىش – پىلانلىرىنى تونۇشتۇرغان كىتاپ – ژۇرنال، تەشىۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىشتىن سىرت يەنە ئۈن – سىن ۋىدئولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پروگراممىلىرىنى گېزىت – ژۇرنال ۋە تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىغا تەقدىم قىلىش ئارقلىق مەتبۇئاتلاردا ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.

ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ خەلقئارالىق يەرمەنكىگە نەچچە ئونمىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

يەرمەنكە جەرىيانىدا يەنە ئاراقان، كەشمىر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ  يەرمەنكە جەرىيانىدا يەنە تەتقىقاتچى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر قانچە بۆلۈم مۇھاكىمە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ يىغىندا ئاراقان، كەشمىر، شەرقىي تۈركسىتان، سۈرىيە، ئىراق، يەمەن، مىسىر ۋە بالقانلار قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىقتىساد، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەنبە ھاسىل قىلىشى، تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردىمۇ مۇھاكىمە يىغىنى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى قۇرت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلق ئاممىۋىسىغا ئۇچۇق بولغان بۇ يەرمەنكە پائالىيىتىنىىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىدىغان بىر ھەمكارلىشىشتا چوڭ بىر ھەسسە قوشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

بىز بۇ يەرمەنكە توغرىسىدا يەرمەنكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئاچىدىغان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاندىن مەلۇمات ئىگەللىدۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان،  بۇ يەرمەنكىىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىقلارنىڭ پۈتكەنلىكىنى، يەرمەنكە مەيدانىنىڭ 19 – نۇمۇرلۇق كۆرگەزمە ئورنىدا، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان ھەر خىل مىللىي كىيىملەر، قول – ھۆنەر سەنئەتلىرى، چالغۇ ئەسۋابلار ۋە كىتاب – ژۇرناللارنى يەرمەنكىدە قويىدىغانلىقىنى، ئۈچ خىل تىلدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان مەخسۇس ژۇرنال نەشىر قىلدۇرغانلىقىنى، تەشۋىقات ۋارىقى تارقتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى 2005 – يىلى ئىستانبۇلدا 40 دۆلەتتىن ھەر قايسى ساھە ئىسلامىي ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر يىغىن ئېچىلىش نەتىجىسىدە ئورتاق قارار بىلەن قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلات بولۇپ، ھازىر بۇ بىرلىكنىڭ 63 دۆلەتتىن 312 ئاممىۋىي تەشكىلات ئەزاسى بار خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئايلانغان. بۇ بىرلىك ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى بىلەن يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ بۇ بىرلىككە ئەزا بولۇپ خىزمەت – پائالىيەتلەر ئورتاق ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكىنى تونۇشتۇرغان ھۆججەتلىك فىلىمدە زۇلۇمغا ئۇچىرىغان رايونلارنى تىلغا ئېلىپ شەرقىي تۈركسىتاندىمۇ زۇلۇم ۋە بېسىم بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇساجان ئەر

 

About admin

Leave a Reply