مەرھۇم ئۇستازغا ۋاپا كېچىسى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  • 22 – دىكابېر جۈمە كەچ ئىستانبۇلدا مەرىپەتپەرۋەر دىنى ئالىم مەرھۇم ئابدۇلھەكىم خان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇستازغا ۋاپا كېچىسى دېگەن نامدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى .

مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇراسىمغا مەرھۇمنىڭ يېقىن دوست يارانلىرى ، سەپداشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ، مۇھاجىرلار ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتناشتى.
مۇراسىمغا جەمئىيەت رەئىسى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا مەرھۇم توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ مەرھۇمنىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى. كېيىن مەرھۇم مەخسۇم ھاجىم توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلار شېئىر ۋە نەسىر ئوقۇدى .
كېيىن ھەر قايسى جەمئىيەتلەرنىڭ رەئىسلىرى سۆز قىلىپ مەرھۇمنىڭ ھايات ئىش – ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە مەرھۇمنى ئەسلەپ ئۆتتى. مۇراسىمغا ئەر – ئايال مۇھاجىرلاردىن 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىمدا يەنە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋەخپى رەئىسى دوكتۇر ئۆمەر قۇل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ، باش كاتىپ دوكتۇر ئەركىن ئەمەت، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار ، ئىھيا فوندى رەئىسى يۈسۈف ئۆجالان ، ياۋرۇ ئاسيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدىراسىيىسى رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى باش كاتىپى ئەيسا ساۋۇت ، شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن، فىنلاندىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى رەئىسى دوكتۇر مەمەتئېلى قارىم، سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كەلگەن ژۇرنالىست تەتقىقاتچى سىراجىدىن ئەزىزى ، ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ، سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى مەسئۇللىرىدىن رامىزان چاملىچا ، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي قاتارلىقلار سۆز قىلىپ مەرھۇم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مەرھۇمنى ئەسلەپ ئۆتتى.
مەرھۇم مەخسۇم ھاجىمغا ۋاپا كېچىسى پروگراممىدا يەنە بىر قانچە شائىر سەھنىگە چىقىپ مەرھۇمغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
نىدا رادىئودىسىنىڭ رىياسەتچىسى سىراجىدىن فاتىھ ئەپەندىنىڭ مەرھۇمغا ئاتاپ ئوقۇغان مەرسىيەسى يىغىن زالىدا جاراڭلىق ئاڭلىتىلدى.
مۇراسىمدا سۆز قىلغۇچىلار ھەممە بىردەك ، بىرلىك باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقشىشنى تەكىتلىدى .
ئاخىرىدا مەخمۇتجان داموللامنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن دۇئا تەلەپ قىلىندى.
مۇراسىم تاماق زىياپىتى بىلەن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.


 


 

About admin

Leave a Reply