قارىيلىق خەتمە قۇرئان مۇراسىمىغا تەكىلىپ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر.» (بۇخارى 4639). ھەدىس. « ئاسماننى يۇلتۇزلار، يەرنى قارىيلار زىننەتلەيدۇ»

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قارمىقىدىكى ساپاكوي ۋە  زېتىنبورنۇ شۆبىىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى ، مۇدەررىسلىرىمىز​نىڭ جاپالىق ئەمگىكى ،ۋە تىرىشچانلىقى ھەمدە ئاتا- ئانىلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە بىر قانچە پەرزەنتىمىز قۇرئاننى يادلاپ تۈگەتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن قارىيلىرىمىزغا ئىلھام ، قارىي بولۇش ئارزۇسىدا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگ​ە ئۈمىد بەخش ئېتىش، قارىلىقىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازلىرى ۋە ئاتا- ئانىلىرىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قارىيلىق خەتمە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى. مۇراسىمغا پۇتۇن ئەر ئايال  ھەمشەھەرلىرىمىز​نى ئائىلىچە  تەكىلىپ قىلىمىز.

مۇراسىمدا تاماق زىياپىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىد​ۇ

مۇراسىم ئورنى:

: istanbul zeytinbunu sümer meh 8.sok.NO:40

ۋاقتى:2017- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى بۇگۇن ، سائەت 18:30 دا

.(ئۆزگوللەر سىتەسى بىناسىنىڭ يانتەرىپىدە)

About admin

Leave a Reply