ئىستانبۇلدا دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار كىڭەش يىغىنى ئېچىلدى

 

بۇ يىغىنغا بىر قىسىم شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە رەھبەرلىرى قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئورتاق مۇنبىرى بولغان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق كېڭەشى» كومىتىتى ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا يەنە 2018 – يىلى ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت – پىلانلار ۋە يول خەرىتىسى توغرىسىدا كېڭەش ئېلىپ بېرىلدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركسىتان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ئىستىراتېگىيىلىك ئورتاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە بىرلىكتە ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت – پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىش ۋە قۇللاپ قۇۋۋەتلەش مۇۋاپىق كۆرۈلدى.

يىغىندا يەنە بىر قانچە تۈرلۈك قارارلار ئېلىندى.

About admin

Leave a Reply