جەمئىيىتىمىز 2017 – يىللىق خىزمەت – پائالىيەتلەر

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2017 – يىللىق خىزمەت – پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىز گەرچە ئىسمى مائارىپ بولسىمۇ تەلىم – تەربىيە خىزمىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى قۇرۇلغاندىن باشلاپ خەلقمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات شۇنداقلا  تەتقىقات – نەشرىيات ساھەلەردىمۇ شۆبە ۋە بۆلۈملەر تەسىس قىلىپ خىزمەت پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ خىزمەتلىرىمىز مەرھۇم ئۇستازىمىز يولباشچىمىز مەخسۇمكامدىن ئايرىلىپ قالغان بولساقمۇ، ئابدۇقادىر ياپچانئاكىمىز يېنىمىزدا بولالمىغان بولسىمۇ ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە ئەتراپتىكى قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن خىزمەت – پائالىيەتلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەت ساھەلەر:

مائارىپ – تەلىم – تەربىيە خىزمىتى

سىياسى ۋە تاشقى ئالاقە خىزمىتى

خەلق ئىشلىرى ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتى

كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكە ئالاقىدار خىزمەتلەر

مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ ئادەتنى تونۇشتۇرۇش خىزمىتى

دەۋەت ۋە تەبلىغ خىزمىتى

ئاياللار ۋە يېتىم بالىلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەر

ياشلارنى تەربىيىلەش ۋە يېتەكلەش  خىزمىتى

شەرقىي تۈركسىتان تەتقىقات خىزمىتى

مېدىيا – تەشۋىقات خىزمىتى

كىتاب نەشرىيات خىزمىتى

پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىل ۋە قۇرئان ئۆگىتىش خىزمىتى

خىزمەت – پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىىتى مەركىز ۋە شۆبە بۆلۈملەر:

  • فاتىھ چاپادىكى جەمئىيەت مەركىزى
  • زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى
  • سەفاكۆي شۆبىسى
  • سۇتۇق بۇغراخان نەشرىيات بۆلۈمى
  • مائارىپ تەلىم – تەربىيە ۋە يەسىلى مەكتىپى
  • ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەشۋىقات بۆلۈمى
  • تەتقىقات بۆلۈمى
  • ئاياللار بۆلۈمى
  • ياشلار بۆلۈمى
  • نۇزۇگۇم يىتىم بالىلار خىزمىتى

مەركەزنىڭ خىزمەتلىرى:

ئۇيغۇرلارنىڭ دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش، يول مېڭىش، مۇناسۋەتلىك ئىدارە ئورگان ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش.

يېڭى كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش. ئىقامەت ئېلىش، تۈرمىگە كىرىپ قالغانلارنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – جەمئىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىغىن – مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇش شۇنىڭ بىلەن بىرگە  تەكلىپ قىلىنغان خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئېچىلغان يىغىنلارغا قاتنىشىشپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاڭلىتىلىۋاتىدۇ.

مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى تۈركىيە خەلقىگە ئاڭلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش رەسىم كۆرگەزمە ئېچىش ياكى باشقىلار ئاچقان يىغىن ۋە كۆرگەزمە پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

مەركەزنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرى ئەنقەرەگە بېرىپ بىر قىسىم مىنىستىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىپ ئۆتتىئ

بۇ يىل ئىچىدە جەمئىيىتىمىزنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان  ئەنقەرەگە بېرىپ، جۇمھۇر رەئىسى ئەردۇغان بىلەن بىر قېتىم، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن بىر قېتىم، باش مىنىستىر ياردەمچى ۋە كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن بىر قېتىم، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇمھۇر رەئىسى باش دانىشمانى يالچىن توپچى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا شەنتوپ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشپ ۋەتەن ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى بولۇپمۇ تۈركيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىپ  مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە دوكىلات ھازىرلاپ تەقدىم قىلىنىۋاتىدۇ.

رەئىسىمىز ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قانچە تۈرلۈك مۇھىم تەلەپلەرنى يېزىق شەكىلدە باش مىنىستىرغا سۇندى.

تەلەپتە 1 .ئابدۇقادىرانكانى قويۇپ بېرىش مەسىلىسى.

2 . كۆچمەنلەر ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بىرىلىش مەسىلىسى

3- ئۈچ مىڭدىن سەككىز مىڭغىچە بولغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئىقامەت بېرىش ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

4 . خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلغان تۈركىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسى قاتارلىق تەلەپلەرنى سۇندى.

بۇنىڭغا ئەمەلىي مىساللار ۋە رەسىملەر بار ئەمما ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن كۆرسىتىپ ئولتۇرماستىن قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمىز.

يەنە مۇھىم خىزمەتلەردىن بىرى شۇكى، كۆچمەنلەر ئىشىلىرى ئىدارىسى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق، ئىنسانىي ئىقامەت ئىشلىرى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئىشلىرىدىكى شەرتلەرنى يىنىكلىتىش توغرىسىدا توختىماي تەلەپ سۇنۇپ كۆرۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ جەرىيانىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئۈچۈن شەرت قويۇلغان ئىككى كىشى كېپىل بولۇش شەرتى بىر كىشىگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، يېقىندا بىر كىشى كېپىل بولۇش شەرتىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئىقامەت ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنۇپ سۆزلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىقامەت ئېلىش ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاللاھ نىسىپ قىلسا نوپۇسىقا ئۆتۈش ئىشلىرى ئۈچۈن يول مېڭىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى كەلگەنلەرنى ئايرىدۇرۇمدىن چىقىرىش، تۈركىيە ئىچىدە تۇتۇلۇپ قالغانلاردىن  جىنايتى يوقلارنى چىقىرىشقا يول مېڭىش، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكىلات ھازىرلاپ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە ئورگان ۋە تەشكىلاتلارغا يوللاش، ئۇچرىشىپ قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دېگەندەك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ئىجتىمائىي ياردەم ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرى:

بۇ يىل رامىزان ئېيىدا سەدىقە – فىترە ئۈچۈن توپلانغان 86  مىڭ لىرا ياردەم پۇلنى يوقسۇل ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە تارقاتتى. ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتى ھەر كۈنى دىگۈدەك داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەر ئايدا ، گۆش، ئۈن، ياغ، گۈرۈچ قاتارلىق كۈندۈلۈك يىمەكلىكلەر تارقىتىۋاتىدۇ. ئۆي كىراسىنى تۆلىيەلمەي قىيىلىنىپ قالغان مۇھاجىر ئائىلىلەرگە ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ياردەم قۇلىنى سۇنىۋاتىدۇ.

رامىزان ئېيىدىن بۇيان ھەر بىرسى 25 لىرا قىممىتىدىكى 500 كىشىلىك ياردەم كارتى تارقىتىلدى. 250 يىشىك يىمەكلىك تارقىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 300 ئائىلىگە ئۇن، ياغ،  گۈرۈچ قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەم پاكېتىدىن تارقىتىلدى. ھەر ئايدا قەرەللىك ھالدا قۇربانلىق ۋە ئاداق گۈشلىرى تارقىتىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان تۈل ئاياللار ۋە پەرزەنتلىرى كۆپ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە ئۆي كىراسى بېرىلىۋاتىدۇ. 150 ئەتراپىدا يېتىم بالىلارغىمۇ ئىگە چىقىپ ياردەم قىلىنىۋاتىدۇ.

قۇربان ھېيىت بايرىمىدا ئېھتىياجلىق مۇھاجىر ئائىلىلەرگە 130 دانە قوي، 6 دانە كالا، 280 پارچە گۆش تارقىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر بىر 25 لىرا قىممىتىدە 100 دانە بىم ماركەتنىڭ كارتى، 2400 دانە ئايۇزبىر كارتى تارقىتىلدى. ئىككى يىلدىن بۇيان 45 ئائىلىگە 500 لىرادىن ياردەم داۋام قىلىۋاتىدۇ.

كېسەل مۇھاجىرلار ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەمئىيىتىمىز بىر قانچە دوختۇرخانا بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى ھەقسىز داۋالاش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ شۇ كېلىشىم بويىچە 2014 – يىلىدىن باشلاپ بەزمىئالەم دوختۇرخانىسى، قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلار بىلەن جەمئىيىتىمىز ئۇچرىشىىپ پۈتىشىشى ئارقىلىق جەمئىيەت تونۇشتۇرۇپ خەت يېزىپ بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئېغىر – يىنىك تىپتىكى كېسەلللەرنىڭ ھەقسىز داۋالىنىشىغا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ. بۇ جەرىياندا ھازىرغىچە 2000 دىن ئارتۇق كېسەل ھەقسىز داۋالىنىشتىن پايدىلاندى.

تەشۋىقات بۆلىمى ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيىسى ھەر كۈنى خەلقىمىزغا ئالاقىدار خەۋەرلەر تەييارلاپ تارقىتىپ كېلىۋاتىدۇ، يېقىندا تۈركچە خەۋەر پروگراممى تەسىس قىلىپ سىناق باسقۇچتا باشلىدى. كەلگۈسىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ بىردىن بىر تەشۋىقات مەركىزىگە ئايلىنىش غايىسى بويىچە ئالغا قاراپ ماڭىدۇ.

سۇتۇق بۇغراخان نەشىرىيات بۆلۈمى

ھەممىىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ھەدىسلەر توپلىمى نامدىكى 10 توملۇق چوڭ دىنى كىتاب،  توغرا ھەدىسلەر دېگەن 5 توملۇق كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 20 پارچىدىن ئارتۇق دىنى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۈردى. يېقىندا يەنە «بىز قازى ئەمەس دەۋەتچى»، «ئىشى ۋاقتىدىن كۆپ بولغانلار» دېگەن كىتابنىڭ 2 – قىسىمىنى تەرجىمە قىلدى.  ئېلىپبە كىتابنىڭ 1 – 2 – قىسىمىنى قايتىدىن تەھرىرلەپ  باستۇرۇپ تارقاتتى.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە  4 يىلدىن بۇيان ئىشلەۋاتقان  6 قىسىملىق بىر تەپسىر يېقىندا پۈتتى نەشىر قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.

ئاياللار خىزمەت بۆلۈمى: ئاياللار بۆلۈمى بىر تەرەپتىن ئاياللار ئىچىدە بىرلىك ھاسىل قىلىش ۋە دىنى ئېتىقاد چۈشەنچىسىنى  ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەنىۋىي جەھەتتە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن  زەيتىنبۇرنۇدا ئاياللارغا خاس بىر ئورۇن تۇتۇپ ئىشخانا ئاچتى ۋە  ھەپتىلىك ئايلىق دىنى دەۋەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېھتىياجلىق ئاياللارغا يار – يۈلەكتە بولۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يەنە يېتىم بالىلارغا ئىگە چىقىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئاياللار بۆلۈمى ئىگىدارچىلىقىدا 200 ئەتراپىدا يىتىم باللىرىمىز مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداپ كېلىۋاتىدۇ. ئاياللار بۆلۈمى يەنە باشقا جەمئىيەتلەرنىڭ ئاياللار بۆلۈملىرى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت قىلىپ ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

مائارىپ ياشلار بۆلۈمى:

ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرىستىتتە ئوقۇۋاتقان ياشلارنى توپلاپ يېتەكلەش ئۈچۈن ھەر خىل سۆھبەت يىغىنى، دالا پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي شۆبە بىنالىرىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر يەسلى ۋە قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش ئورۇنلىرىدا ھازىر 200 ئەتراپىدا پەرزەنتلىرىمىز تەربىيلىنىۋاتىدۇ.

بۇ خىزمەتلەرنى قىلىشتا ھەر قايسى بۆلۈم ۋە شۆبىلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە بۇ خىزمەتلەرنى ماددى – مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان پۈتۈن قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز، ئەلۋەتتە جەمئىيىتىمىزنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلار بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي ۋە ئاۋانگارتلىرىدۇر.  شۇنىڭ ئۈچۈن جانابىي ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئەجىر بەرسۇن دەپ دۇئا قىلىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇھىم تېخىمۇ نەتىجىلىك خىزمەتلەر قىلىشقا نىسىپ قىلغاي.

ھەممەيلەنگەن رەھمەت.

 

 

About admin

Leave a Reply