ئۇيغۇرلار تۈركىيە تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا  ئەرز سۇنۇش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىپ خەت يېزىشقا  چاقرىق قىلىندى. 

ئۇيغۇرلار تۈركىيە تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا  ئەرز سۇنۇش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىپ خەت يېزىشقا  چاقرىق قىلىندى.

ئىستانبۇلدىكى يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش قوشماق تۇققانچىلىققا قارشى جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش، تۈركىيە تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا  ئەرز سۇنۇش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىپ خەت يېزىشقا  چاقرىق قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ چىقىش يولى » دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا جەمئىيەت  باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن دىنى ئالىم ئۆمەر قارىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان  سۆز قىلىپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا  ئەرز سۇنۇش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىپ خەت يېزىشقا  چاقرىق قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزىۋاتقان ئاتالمىش قوشماق تۇققانچىلىق سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى ۋە بۇ قىلمىشلارغا قارىتا تۈركىيە تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئائىلىسىنىڭ تۈرمىگە قامالغان  سەرگۈزەشتىلىرىنى يېزىپ تۈركىيە تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا  ئەرز سۇنۇش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىپ خەت يېزىشقا  چاقرىق قىلدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆز قىلىپ   خىتاينىڭ ئاتالمىش قوشماق تۇققانچىلىق سىياسىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرى بولغان ئۆيگە يات ئەرلەرنىڭ بولۇپمۇ غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ كىرىشىنىڭ قەتئىي چەكلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە  كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىش كېرەكمۇ ، تەشۋىقات قىلىش كېرەكمۇ ، نېمە ئىش قىلىش كېرەك دېگەن سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:  شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن   مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئورتاق مەسلىھەت بىلەن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە  نۆۋەتتە  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئازاب كۈلپەتلەرنى تۈركىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق جامائەت پىكىر پەيدا قىلىش بۇ ئارقىلىق ئەنقەرەگە تەسىر كۈرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا مۇھەممەد ئىمىن داموللامنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلدى.

بۇ خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاۋازلىق پروگراممىسىدىن ئاڭلىغايسىلەر: 

About admin

Leave a Reply