مۇھىم ئۇچۇرلار

شەھىد ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام توغرىسدا بايانات

شەھىد ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام توغرىسدا بايانات
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچى جاللاتلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 45 كۈندىن كېيىن شەھىد قىلىندى. 82 ياشلىق مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 24 – كۈنى شەھىد قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ۋە مەنىۋىي خىزمەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەممىگە مەشھۇر بولغان تۈنجى ۋە مۇھىم خىزمىتى، «قۇرئان كەرىم» ۋە «سەھىھۇل بۇخارى» شۇنداقلا «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ئىش – ئىزلىرى»، «ياخشىلار باغچىسى»قاتارلىق ئونلارچە مۇھىم ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ باستۇرۇپ تارقىتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىننى توغرا ئۆگىنىش، بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتلۈك رول ئوينىدى. خەلقىمىز شۇ كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق زالىم كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربان بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ كەلدى.
خىتاي كوممۇنىست كۈچلىرى شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن خەلقىمىزنى جاھىل قالدۇرۇپ باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قارانىيەت خىتاي كوممۇنىستلىرى ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى نام ئاستىدا پۈتۈن مەدەنىيەتلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. نۇرغۇنلىغان ئۆلىمالىرىمىزنى يوق قىلدى، دىنى ۋە تارىخى كىتابلىرىمىزنى كۆيدۈردى. بىلىملىك كىشىلىرىدىن قۇرئان كەرىم قاتارلىق قىممەتلىك كىتابلاردىن ئايرىلىپ قالغان مۇسۇلمان خەلقىمىز، نادانلىق ، ساۋادسىزلىق ۋە جاھىللىقنىڭ پاتقىغا پېتىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ خەلقىمىز 1950 – يىلدىن تاكى ماۋ خىتاي ئۆلگەندىن كېيىن 1980 – يىللارغىچە دىنى ۋە پەننى مەكتەپلەردە ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىندى.
مەرھۇم ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام، 1936 – يىلى ئاتۇشتىكى تونۇلغان دىنى ئۆلىما سالىھ داموللاھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 13 يېشىدا قۇرئاننى يادىلاپ مۇرەتتەب قارى بولغان. دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئىسلام دىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سالغان. خەلقىمىز، زالىم خىتاينىڭ پەنچەسى ئاستىدا قاراڭغۇ زۇلۇمەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتلاردا، كىچىكىدىن تىرىشىپ دادىسىنىڭ تەربىيىسدە ئالىم بولۇپ يېتىلگەن مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم، «قۇرئان كەرىم» ۋە «سەھىھۇل بۇخارى» شۇنداقلا «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ئىش – ئىزلىرى»، «ئايەت – ھەدىسلەردىن تاللانمىلار»، «ياخشىلار باغچىسى»قاتارلىق ئونلارچە مۇھىم دىنى ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ باستۇرۇپ تارقىتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىننى توغرا ئۆگىنىشى، بىلىمسزلىك ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇشىدا تۈرتكۈلۈك رول ئوينىدى. خەلقىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى بولغان ئاشۇ كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق زالىم كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ كەلدى. مۇھەممەد سالىھ داموللام مۇشۇ مۇھىم ئىلمىي خىزمەتلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ يۈرەك باغرىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ھۆرمەت – سازاۋەرگە ئېرىشتى. ئۇ خەلقىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلگەن مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ئىدى.
مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس پۈتكۈل ئەرەب ئىسلام دۆلەتلىرىدىمۇ تونۇلغان ۋە ئەرەب پادىشاھ – رەئىسلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يىتۈك ئالىمدۇر.
مەرھۇم ئالىمىمىز 1983 – يىلى كۈۋەيتتە بىر يىغىنغا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ كۈۋەيت تەسىراتى توغرىسدا ئەرەبچە شېئىر ئوقۇغان. 1990- يىلى ماراكاشتا ئېچىلغان رامىزان ئېيى لېكىسىيە يىغىنىغا قاتنىشىپ پادىشاھ ھەسەننىڭ ھۇزۇرىدا ئەرەپچە ئۆزى يازغان قەسىدىسىنى ئوقۇغان. 2002 – يىلى ئالمۇتادا ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىسلام مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ ماقالە ئوقۇغان. 1991 – يىلى 10 – ئايدا مىسىردا ئىسلام تەتقىقاتىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئون ئالىمنىڭ بىرى قاتارىدا بىرىنجى دەرىجىلىك ئىلىم – پەن مېدالغا ئېرىشكەن. مەرھۇم يەنە سەئۇدىي ئەرەبىستان، كۈۋەيت قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەردە خەلقئارا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنلارغا قاتنىشىپ ئەرەپچە قەسىدە ئوقۇغان ۋە ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلغان تۆھپىكار ئالىمدۇر.
خەلقنى نادانلىقتىن، بىلىمسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، زۇلۇمەتلىك قاراڭغۇدىن يورۇقلۇققا باشلاش ئۈچۈن ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان يىتۈك ئالىمىمىز، خىتاينىڭ قارا قولى بىلەن 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇتۇقلاندى ۋە تۈرمىدە شەھىد قىلىندى.
خەلققە ئىلىم ئۆگىتىشتىن باشقا ھېچ قانداق گۇناھى بولمىغان 82 ياشلىق بۇۋايغىمۇ زالىم خىتاي جاللاتلىرى قىلچە رەھىم قىلماستىن شەھىد قىلدى. بىز، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. خىتايغا نەپرەت بىلدۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن خەلقئارالىق سوتقا تارتىلىپ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى، خەلقئارا ئىسلام ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈرك دۇنياسى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقرىق قىلىمىز.
خىتاي بىر مۇھەممەد سالىھ دامولامنى شەھىد قىلغان بولسا شەرقىي تۈركىستاندىن ئون مىڭلىغان مۇھەممەد سالىھ يېتىشىپ چىقىدۇ ئىنشائاللاھ. خىتاي بۇ مىللەتنى يوق قىلىش خام خىيالىدىن ۋاز كەچسۇن.
شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

About admin

Leave a Reply