مۇھاجىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىمىز

مۇھاجىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىمىز

مالايىسىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرلىقى ۋە  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقرىق

 خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق 11 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئىككى ئاي ئىلگىرى تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان بولۇپ،  ھازىر مالايسىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلار ئەسلىدە تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەن دېگەن تۆھمەت بىلەن 2014 – يىلدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىگە قامالغان ئىدى.  بۈگۈن مەتبۇئاتلاردا،  خىتاي دائىرلىرى مالايسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مالايسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.

2015 – يىلى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 109 نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ. ئۇلار ئىز – دىرەكسىز يوقاپ كەتتى. خىتاي ئۇلار ھەققىدە خەلقئاراغا مەلۇمات بېرىشتىن باش تارتتى. مالايسىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ، تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇرغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ تايلاند ئارقىلىق مالايسىيەگە كەلگەندىن باشقا ھېچ قانداق بىر جىنايىتى يوقتۇر، پەقەت بىر ئىنسان ۋە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئەركىنلىكى بىلەن ئىنساندەك ياشاش ئارزۇسىدىن باشقا ھېچ قانداق مەقسىتى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مالايسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنسانپەرەرۋەرلىك جەھەتتە ۋە ئىسلامى جەھەتتە قاراپ چىقىپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ۋە  ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقرىق قىلىمىز شۇنداقلا خىتايغا قايتۇرماسلىققا كاپالەت بېرىىشنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىگە قامىلىدۇ، ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 8 ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ بىرلىكى بولغان «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مالايىسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىسلامىي قېرىنداش بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەستىن ئەركىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى – تۈركىيە

شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا جەمئىيەتلەر تۆۋەندىكىچە:

  1. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
  2. شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى جەمئىيىتى
  3. شەرقىي تۈركسىتان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى
  4. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى
  5. ئىمان دىيارى ئىلىم ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
  6. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى
  7. ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت ۋەخپى
  8. ئۇيغۇر ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەخپى

About admin

Leave a Reply