شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى،  ئى ھا ھا ۋەخپى رەئىسى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى،  ئى ھا ھا ۋەخپى رەئىسى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

19- فېۋىرال دۈشەنبە كۈنى ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت ، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئى. ھا. ھا. ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم ۋە ئىدارە ھەيئىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ  تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش ئۈچۈن قارار ئالغان 16 ماددلىق پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىش توغرىدا ئېلىنغان قارارلارنى ئىجرا قىلىش ئاساسىدا تۈنجى بولۇپ ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە ۋەتەن ئىچى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار  توغرىدا تەييارلانغان دوكىلات خاراكتېردىكى ژۇرنالنى تەقدىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارەتتە يەنە ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىمغا ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلىندى. ھەيئەت بىرلىتە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم، ئۇيغۇرلارنى  يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتان ھازىر ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلگەن بولسىمۇ  يېتەرلىك دەرىجىدە تىلغا ئېلىنمىغان، يېشىلمىگەن، كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن بىر رايون. بۇ رايوندىكى ئىنسانلار ئۆز قىممەت قاراشلىرى ۋە ياشاش ئۇسلۇبلىرى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنى خالايدۇ، بىراق ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە دىنى ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئىسلام دۇنياسى بەكلا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، ئىسلام دۇنياسى بۇ ھەقتە ھېچ قانداق قەدەم باسمىدى. شەرقىي تۈركسىتانلىقلار دەرھال بۇ مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. يېقىندا ئىگەللىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھەر بىر شەرقىي تۈركسىتانلىق ئائىلىنىڭ ئۆيىگە ، «قوشماق تۇققاندارچىلىق» دېگەن نام ئاستىدا بىردىن خىتاي كۆچمەننى كەلتۈرگەن ۋە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغان . شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆيىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قارىماستىن خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇ يەردە نامەھرەملىك – ئائىلە ئىپپىتىنى قوغداش مەسىلىسى يوق قىلىنىۋاتىدۇ.   يەنى شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ بىۋاسىتە بەدەن – جىسىملىرىغا ئەمەس بەلكى ئىتىقاد قىلىدىغان دىنىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسى بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن ئولتۇرۇپ سۆزلىشىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن كېلەچەكتە ئاراقاندىكىدىنمۇ چوڭ بىر پالاكەت ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن».

بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندى ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار ئالدى  بىلەن ئۆز ئىچىدىكى جىدەل – ماجىرا مەسىلىلەرگە خاتىمە بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شەخسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىر يەرگە جەم بولۇشنى، مەسلىھەتلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشنى، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركسىتانلىق سودىگەر ۋە ئىگىلىك تىكلىگەن تىجارەتچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشى مۇھىم. شەرقىي تۈركسىتانلىقلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىرەر نامايىش ۋە ياكى پائالىيەت ئويۇشتۇرغاندا ۋەتەن ئىچىدىكى ئائىلە – توققانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېھتىيات قىلىشى مۇمكىن ئەمما نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرسۇن كەلتۈرمىسۇن خىتاي سىياسىتى يەنە پۈتكۈل ئائىلىلەرنى بويۇنتۇرۇق ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ،  بېسىم قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى قىيناشقا ئورنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە جاسارەتلىك بولۇش مەجبۇرىيىتى بار. شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىختا ئىلىم – مەرىپەتنىڭ قانداق مەركىزى بولغان بولسا بۈگۈنمۇ ھەقىقەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ شۇنداق مەركىزى بولىدىغانلىقىغا مەن ئىشىنىمەن. ئۇلار شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئۇيۇشۇپ، تەشكىللىنىپ ئۆزلىرىگە قىلىنغان ھەقسىزلىقلار ئۈستىدىن غەلبىگە ئېرىشىدۇ ، ئىشەنچ بولسا ئەڭ كۈچلۈك ئۇلاردۇر ھېچ قاچان ئىككىلىنىپ قالماسلىق كېرەك».

بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى مەسئۇللىرىدىن ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى، بۇ زىيارەتتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدە يۈز بېرىۋاتقان بېسىملار شۇنىڭغا توغرىسىدا شۇنداقلا يېقىندىن بۇيان ئەۋجگە چىققان ئاتالمىش قوشماق تۇققانچىلىق نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىگە خىتاي كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشاش قەبىھ قىلمىشلار ۋە بۇ قىلمىشلارنىڭ خەلقئارانىڭ ھېچ قانداق قانۇنىغا توغرا كەلمەيدىغان ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسى ھەق – ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى يەنە بۇ خىل زىيارەت پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆتكەن ئاي ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيەتلەر بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 16 ماددىلىق قارارغا كېلىشىم قىلىشقانلىقىنى ۋە بۇ كېشلىمنى ئىجرا قىلىشنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى سىياسى پارتىيە، مەتبۇئات مەركەزلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تۈركىيىدە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇسا ئارسلان تاش خەۋىرى

About admin

Leave a Reply