خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن ئىككى ئىككى قازاق ئىمام ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن ئىككى ئىككى قازاق ئىمام ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق نۇرى ناھىيىسىدە ئىماملىق قىلىۋاتقان ئىمام ئەخمەت مۇللا ئىسىملىق قازاق كىشى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ جەسەدى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. شۇنداقلا يەنە كۈنەس ناھىيىسىدە ئىماملىق قىلىدىغان كەنجەباي ئېلىخان ئىلە دېگەن قازاق كىشىنىڭمۇ خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

23 – فېۋىرال كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەمىنە ئىنانچ جامىئىدە، خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت بولۇپ كەتكەن ئىمام ئەخمەت ۋە كەنجەباي ئېلىخان ئىسىملىك كىشىلەر ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى. جىنازا نامىزىغا زەيتىنبۇرنۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

بۇ جىنازا نامىزىنى بابۇسالام ئىسىملىك قازاق سودىگەر ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ئۇ كىشى ئالتاينىڭ باركۆل رايونىدىن 1965 – يىللاردا ئائىلىسى بىلەن تۈركىيىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن.

بابۇسالام، جىنازا نامىزى ئوقۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ ئىككى ئىمام توغرىسىدا توختىلىپ ئۇلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، خىتاي دائىرلىرى ئۇلارنىڭ جىنازا نامىزىنىمۇ چۈشۈرۈشكە روخسەت قىلماستىن ئائىلىلىرىگە بېسىم قىلىپ يەرلىكىدە قويغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا خىتاي دائىرلىرى ھېچ قانداق سەۋەب كۆرسەتمىگەنلىكىنى ھەتتا ئىمام ئەخمەت دېگەن كىشىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بابۇسالام دېگەن كىشى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركسىتاندا مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن مەيلى قازاق بولسۇن ھەممىسى خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالدى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تۈركىيە بىلەن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭەشنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىسىگە جىددى قاراشقا چاقرىق قىلىمىز ۋە بۇ مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىدە خىتاي بىلەن سۆزلىشىپ ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

غايىبانە جىنازا نامىزى ئورۇنلاشتۇرغان بابۇسالام دېگەن سودىگەر تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا تىجارەت قىلىدىغان كىشى بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنى قازاقىستاندىكى مەرھۇمنىڭ  تۇققانلىرىدىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

About admin

Leave a Reply