شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى تۈرك دۇنياسى بەلەدىيەلەر بىرلىكىنى زىيارەت

22- فېۋرال پەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركسىتان توغرىسىدا جامائەت پىكىرىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، تۈرك دۇنياسى بەلەدىيەلەر بىرلىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، باش كاتىپى دوكتۇر پەخرى سولاك ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى. 

ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكىلات خاراكتېرلىق ژۇرنال تەقدىم قىلىندى.

ئىككى تەرەپ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىلىرى توغرىسىدا ھەمكارلىشىش مۇۋاپىق كۆرۈلدى.

شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى دوكتۇر پەخرى سولاك ئەپەندىگە، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخى توغرىسىدا يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك كىتابنى باستۇرۇپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى شۇنداقلا تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى.

 

About admin

Leave a Reply