شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

22 – فېۋرال پەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلىپ بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئادۋۇكات ئەلى قۇرت ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى.

ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئادۋۇكات ئەلى قۇرت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى، ئادۇۋكات ئەلى قۇرت ئەپەندىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ شەرقىي تۈركسىتان تەقدىرنامىسى تەقدىم قىلدى.

سەمىمىي قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان سوھبەت جەرىيانىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

About admin

Leave a Reply