مۇھىم ئۇچۇرلار

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى زالىمغا قارشى ۋىجدان كارۋىنىنى قوللاش ئۈچۈن ۋىجدانىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى زالىمغا قارشى ۋىجدان كارۋىنىنى قوللاش ئۈچۈن ۋىجدانىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ئاياللار قىسمى İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقپىنىڭ باشلامچىلىقىدا سۈرىيە زىندانلىرىدىكى 417 نەپەر كىچىك قىز بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6736 نەپەر خانىم- قىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن «خەلقئارالىق ۋىجدان كارۋىنى»نى قوللاش ھەمدە ئىسلامىي، مىللىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرىمۇ بۇ كارۋانغا ئىشتىراك قىلىدۇ
İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن (55 دۆلەتتىن) تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، ئاكادېمىك، قانۇنشۇناس، سىياسەتچى، ژۇرنالىست، ئىشچى – خىزمەتچى، دوختۇر، سەنەتچى، تەنھەرىكەتچى، ئۆي خانىملىرى، كارخانىچى، تىجارەتچى ئاياللار ۋە باشقا ساھەدىكى ئاياللارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سۈرىيە زىندانلىرىدىكى ئاياللارنى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىر كارۋان تەشكىللەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، 6 – مارت دۇنيا ئاياللار كارۋىنى بىلەن يولغا چىقىدۇ.

About admin

Leave a Reply