مۇھىم ئۇچۇرلار

ئامېرىكا ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدالىرىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى لاۋرا ستون چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز دېگەندە «ئون مىڭلىغان» ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ھازىرغا قەدەر «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ، بۇ لاگېرلاردا «ئون مىڭلىغان» كىشىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە «يەر شارى ماگنىتسكي قانۇنى» نى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۆگىتىشتىكى زۆرۈر تەدبىر ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولانغانلارنىڭ «ئەسەبىيلىك»، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق بىر ھەرىكىتى يوق ئىكەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ لاگېرلاردا ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كونكرېت مەسىلىنى تىلغا ئېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور سوفىيە رېچاردسون چارشەنبە كۈنى لاۋرا ستوننىڭ سۆزىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بىراق، بۇ يەردىكى قىسمەن ئېنىقسىز نۇقتا بۇ كونكرېت مەسىلىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىدۇر».

سوفىيە رېچاردسون يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى «تېخىمۇ چوڭ بىر كرىزىسنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى ئەسكەرتىپ، شۇڭا بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر تەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوفىيە رېچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ئامېرىكا ھازىر سەھنىدە. لېكىن باشقا ھۆكۈمەتلەر شۇنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. باشقا بىر ھۆكۈمەت خەلقنى خالىغانچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا باشلىسا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا باشلىسا، بۇ تېخىمۇ زور بىر مەسىلىسىنىڭ بېشارىتىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ بەلكى دۆلەتنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ بېشارىتى ياكى تېخىمۇ زور بىر كرىزىسنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھۆكۈمەتلەر بۇ خىل بېشارەتلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ يەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ بۇنىڭ يېقىنقى 2-3 يىلدىن بېرى تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىغا دائىر مۇنازىرىلەر بار. شۇڭا، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەرقانداق ھۆكۈمەت خىتايغا بېسىپ ئىشلىتىپ، تۇتقۇنلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى، ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ۋە جازالانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».

ئامېرىكا مۇۋەققەت مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلا مىنىستىرى لاۋرا ستون مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى 6 نەپەر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ئالاھىدە ئەندىشە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزدىكى تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلار قورقۇنچلۇق بىر مەنزىرىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. بىز بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەرقانداق بىر پۇقرانىڭ قولغا ئېلىنىشىدا قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز.» دېگەن.

يېقىندا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ غوللۇق ئىككى ئەزاسى – كرىستوفىر سىمىت بىلەن ماركو رۇبىئو ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار مەكتۇپىدا، باش ئەلچى برانسىتاتنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىشىنى ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ماگنىتسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن بۇ ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى جازالىشىنى تەلەپ قىلغان.

لاۋرا ستوننىڭ بېيجىڭدا «يېپىق تەربىيەلەش لاگېر» لىرىنى تىلغا ئېلىشىدا ئۇلارنىڭ مەكتۇپىنىڭ قانداق تەسىرى بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ قولىدا كۈچلۈك بىر دەلىل بولمىغان بولمىسا، بۇ مەسىلە بۇنداق تەپسىلىي سان-سىپىر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولاتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قانداقتۇر مۇنداق ئومۇمىي يېزىلغان خەت ئەمەسكەن. ناھايىتى تەپسىلىي، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى، تۇتۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ناھايىتى رېئاللىققا ماسلاشقان ھالدا 500 مىڭدىن بىر مىليونغىچە دېگەن رەقەملەرنى ئىشلىتىپتۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ قولىدا بىر سانلىق مەلۇمات بولمىسا ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى، ئىشەنچى بولمىغان بولسا، قولىدا ئىشەنچلىك بىر ماتېرىيال بولمىغان بولسا، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئارخىپىغا كىرىدىغان بىر خەتنىڭ ئىچىگە بۇنداق تەپسىلىي سان-سىپىر، تەپسىلىي تەكلىپ، تەلەپلەر يېزىلمايتتى، دەپ ئويلايمەن».

«ماگنىتسكىي قانۇنى» يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قايسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تىزىملىككە ئالىدىغانلىقى ۋە قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ماگنىتسكىي قانۇنى» نىڭ رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن. ئۇ، بۇ قانۇننىڭ كۈچلۈك بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرىي تۈركەن: «بۇ ماگنىتسكىي قانۇنى ئاڭلاشقا ئاددىي قانۇندەك ئاڭلانسىمۇ، لېكىن بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، بۇ قانۇن رۇسىيەدىكى قانۇنسىز ئىشلارنىڭ جاۋابكارى بولغان ئىنسانلار بىردىن بىر تىزىملىككە ئېلىنىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ قانۇننىڭ نىشانى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت خادىملىرىدۇر. ئەمدى بۇ يەردە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سىگنال بار، سەن ئۆزۈڭنىڭ زېمىنىدا ئۆزۈڭنىڭ ۋەتەنداشلىرىنى ئېزىۋاتقان بولساڭمۇ، لېكىن بىزنىڭ قولىمىزنى يەتكۈزەلەيدىغان بىر قانۇنى مېخانىزم بار. بۇ قانۇنى مېخانىزم بويىچە سەن بۇ تىزىملىككە كىرسەڭ، سەن بۇنىڭ شەخسىي، ئىجتىمائىي، ھەتتا ھۆكۈمەت جەھەتلەردىن بەدىلىنى تۆلەيسەن. سېنىڭ ئامېرىكىغا كىرىپ-چىقىشىڭ، مال -دۇنيارىڭغا بولغان ئىگىدارچىلىقىڭ، پەرزەنتلىرىڭنى چەتئەلدە ئوقۇتۇشىڭنىمۇ بىز تىزگىنلەيدىغان بىر قورال بار، دېگەن بىر بېشارەتنى بېرىدۇ، دەپ قارايمەن».

«ماگنىتسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن جازالانغان چەتئەل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى، ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشى، ئامېرىكا بانكىلىرىغا پۇل قويۇشى، پۇل يۆتكىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشى بىردەك چەكلىنىدۇ.

«ماگنىتسكىي قانۇنى» 2012‏-يىلى ماقۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئەسلى رۇسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىگە قارىتا چىقىرىلغان ئىدى. لېكىن بۇ قانۇنغا 2016‏-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەمەلدارلارغا كېڭەيتىلگەن. ترامپ ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى ماگنىتسكىي قانۇنىغا ئاساسەن بېيجىڭ چاۋياڭ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ يېننى تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 2018-04-18

About admin

Leave a Reply