ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن يېڭى تەشكىلاتلار تەسىس قىلىنماقتا. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئىستانبۇلدا چوڭ-كىچىك بولۇپ ھۆكۈمەت تەستىقى بىلەن رەسمىي قۇرۇلغان 23 ئۇيغۇر تەشكىلات بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بەزلىرى ئوچۇق ئاشكارا خىزمەت قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەشكىلاتلاردىن دەسلەپتە 8 ئۇيغۇر تەشكىلاتى جەم بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى» نامىدا بىرلىك ھاسىل قىلغان ۋە بىر يۈرۈش مۇھىم پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ھازىر بۇ بىرلىككە باشقا تەشكىلاتلارمۇ ئىلتىماس قىلىۋاتقان بولۇپ، بىرلىكتىكى تەشكىلاتلارنىڭ سانى 16 گە يەتكەن.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ تەربىيەلەش كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا تەشكىلاتلارنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم، شۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلاتلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى يوق قىلىپ كۈچلۈك بىر تەشكىللىنىشكە يۈزلىنىۋاتىمىز. بۇ سەۋەبتىن تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ كۈچىيىشى، خادىملىرىنىڭ كەسپىي مۇتەخەسسىسلىشى، خىزمەت قابىلىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق، تەشكىلاتچىلىق، ئىستراتېگىيە، خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت، تەشۋىقات، ھېساب، بوغالتىرى دېگەنگە ئوخشاش تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق بىلىملەرنى ئىگىلەشكە ئېھتىياجىمىز بولماقتا. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ ئىمكانىيەتلەرنى قېرىنداش جەمئىيەتلەرگە يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ‹جەمئىيەتلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى› دېگەن نامدا بۇ تەربىيەلەش كۇرسىنى ئۇيۇشتۇردى».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ كۇرس 9 تۈرلۈك ئاساسىي تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ھەر ھەپتە بىر قېتىم 2 سائەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. 9 ھەپتىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ كۇرسنىڭ ھەر قايسى قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتى، خىزمەت-پائالىيەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز».

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ پروگراممىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى 11-ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئىجتىمائىي تەشكىلاتچىلىق ساھەسىدىكى مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور تاھسىن گۈلخان تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ لېكسىيە بەردى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا ھەر قايسى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ياكى خادىملىرىدىن ئەر-ئايال بولۇپ جەمئىي 55 كىشى قاتناشتى.

دوكتور تاھسىن گۈلخان ئەپەندى، بۇ يىغىندا «خالىسانە تەشكىللىنىشتە تەسىرلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئالاھىدىلىكى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

دوكتور تاھسىن گۈلخان ئەپەندى، بىر تەشكىلاتنىڭ غايە-مەقسىتى، خىزمەت پائالىيىتى، قولغا كەلتۈرىدىغان غەلىبە-نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور تاھسىن گۈلخان ئەپەندى، كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشى، بىرلىك-باراۋەرلىكنى ساقلاپ ئىلگىرىلىشى، بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ ئۇسلۇبى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

دوكتور تاھسىن گۈلخان ئەپەندى غەلىبە قىلىشنىڭ ئۇسۇلى توغرىسىدا توختىلىپ، مەقسەتنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا يېتىش ۋە غەلىبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئۇلارنى تەسىرگە ئۇچرىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور تاھسىن گۈلخان ئەپەندى، تەشكىللىنىشتە ماسلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ماسلىشىشنىڭ تۈرلىرى، زېھنىيەت جەھەتتە ماسلىشىش، روھى، جىسمانىي جەھەتتىكى ماسلىشىش، كىملىك، سالاھىيەت جەھەتتىكى ماسلىشىش، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن ماسلىشىش قاتارلىقلار بولۇپ، ماسلىشىشنىڭ قەدىر-قىممەتلىرى-سەزگۈرلۈك، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشەنچتىن ئىبارەتتۇر».

دوكتور تاھسىن گۈلخان ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانچىلىق» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتايلارنى، ئۇلارنىڭ خالاش-خالىماسلىقتىن قەتئىينەزەر كىرگۈزۈپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاشقا تەشكىللىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى، ئائىلە ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغانلىق، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ سەزگۈر قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقى بىلدۈردى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان «ئۇيغۇر ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەخپى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ئەپەندى ۋە «ئىمان دىيارى تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى» رەئىسى مەخمۇت داموللام بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەخمۇت داموللام بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، بىر تەشكىلاتنىڭ ئالدى بىلەن نېمە قىلىشى كېرەكلىكى، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكى، قانداق قىلغاندا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە بۇ كۇرسقا قاتناشقان فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى تاھىرجاننىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. تاھىرجان بىر تەشكىلاتنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خەلقنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى كېرەكلىكىنى، بىرلىكنى ساقلىغان ھالدا خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز-ئارا كەمچىللىكنى كەچۈرۈم قىلىش، ئارتۇقچىلىقتىن پايدىلىنىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەنبەىسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 2018-04-18

About admin

Leave a Reply