شەرقىي تۈركسىتان مەدەنىيەت پائالىيىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركسىتان مەدەنىيەت پائالىيىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزاسى ۋە قېرىنداش جەمئىيىتىمىز شەرقىي تۈركسىتان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ،  شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ۋاكالەتەن قاتناشقان تۈرك دۇنياسى ئەنئەنۋىي تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى بۇ پائالىيەت جەرىيانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ  مىللىي ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىنى تۈرك ۋە چەتئەللىكلەرگە ناھايىتى ياخشى بىر شەكىلدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

پائالىيەت جەرىيانىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمە چىدىرىنى زىيارەت قىلىپ، دەستەك بەرگەن، قوللىغان، يالغۇز قويمىغان باشتا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزاسى بولغان پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە ۋەخپى مەسئۇللىرىغا، مۇھاجىر شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ۋە بىر بىرىدىن قىممەتلىك مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

خۇسۇسەن شەرقىي تۈركسىتان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىنى ۋە بۇ پائالىيەتكە ئەجىر سىڭدۈرگەن، جاپا تارتقان بارلىق قېرىنداشلارنى تەبرىكلەيمىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت – پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىقىيەتلىك تىلەيمىز.

شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى

 

About admin

Leave a Reply