«تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل تەنتەنىسى» دە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ساما كۆرسەتتى

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك كۈلتۈر-مەدەنىيەت تەتقىقاتى كۇلۇبىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل تەنتەنىسى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ساما ئۇسسۇلى ئوينىدى.

9-ماي كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پەن ۋە بىلىم فاكۇلتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەرتىپلىشى بىلەن 15 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈردىن تەركىب تاپقان بىر سەنئەت گۇرۇپپىسى قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە چىقىپ، ساما ئۇسسۇلى ئورۇندىدى. 

مەزكۇر سەنئەت پائالىيىتى «ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلاندى. تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى مەھمەت ساراي ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئۇ تۈرك دۇنياسىدىكى خەلقلەرنى بىر بىرلەپ تىلغا ئېلىپ، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار توغرىلىقمۇ توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز نۆۋەتتە ئەڭ قىيىن بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى بىلىش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن مېنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى توغرىسىدا يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ئىككى قىسىملىق كىتابىمنى ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

پائالىيەتتە، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، چېچەن، گاگاۋۇز، تۈرك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ياش-ئۆسمۈرلىرىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ئايرىم-ئايرىم سەھنىگە چىقىپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللىيچە ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتتى.

نۆۋەت ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە رىياسەتچى قىز-ئوغۇل سەھنىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. مىللىيچە كىيىنگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر قىزغىن ئالقىش بىلەن سەھنىگە چىقتى ۋە ئۇيغۇر ساما ئۇسسۇلىنى ئوينىدى. ئۆسمۈرلەر لەرزان ھەرىكەت بىلەن ساما ئۇسسۇلى ئويناۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى توختىماي لەپىلدەتتى. ساما ئۇسسۇلى ئاخىرلاشقاندا زالدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

پروفېسسور مەھمەت ساراي ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ قېتىملىق كۆرەكتە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئۇسسۇللىرىغا يۇقىرى باھا بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە چىچەن، باشقۇرت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئۇسسۇللىرىنى كۆرسەتتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى سەھنىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇلارغا تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى. ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن تەقدىرنامە ۋە شەرەپ تاختىسىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى تاپشۇرۇپ ئالدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ يېتەكچىسى ئەلانۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەلانۇر خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتتە ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئۇسسۇللىرىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزمۇ ساما ئۇسسۇلى ئويناپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل سەنئىتىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن نامايىش قىلدى. باللىرىمىزنىڭ شوخ، تېتىك، ۋە لەرزان ھەرىكەتلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بالىلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىملىرىمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتتى.»

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئاسىيەمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇلۇبىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئۇسسۇل ماھارىتى كۆرسىتىشى ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ سەھنىدە لەپىلدىشى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر چوڭ ئىش بولدى.»

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

بۇ ھەقتىكى پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر

About admin

Leave a Reply