ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

29-ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىننى «خوجا ئەخمەت يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرفان ۋەخپى»، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»، «شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى»، «قازاق تۈركلىرى ۋەخپى»، «قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى»، «قورقۇت ئاتا جەمئىيىتى» قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن بولۇپ، 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. فىلىمنى كۆرگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالدى. بولۇپمۇ فىلىمدىكى يېقىن تۇغقانلىرى خىتاينىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغان قازاقلارنىڭ نالە-پەريادلىرى يۈرەكلەرنى داغلىدى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ بېرىپ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن كۆپ ساندىكى قازاقلارنىڭ يۇرتلىرىدا قەپ قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سۇلانغان ئىدى.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا غۇلجا، چۆچەك ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلاردا ياشىغۇچى قازاقلاردىن 500 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقى بايان قىلىنغان. فىلىمدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇملار نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان.

فىلىم كۆرسىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «خوجا ئەخمەت يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرفان ۋەخپى» نىڭ رەئىسى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنساننىڭ سۆز قىلىش كەيپىياتى قالمايدۇ، دەرمانىمۇ قالمايدۇ. بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن ھېساب سوراش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق، چۈنكى ۋەتەن ئىچىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھېساب بېرىشى ئاسان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ ھېساب بېرىشىمىز بەك ئېغىر ۋە قىيىن بولىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ئۇلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر دەپ قارايمەن.»

ئارقىدىن ئىستانبۇل – كۈچۈكچەكمەچى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى مەھمەت بېسىم مۇفتىئوغلى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەرقانداق خىزمەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر – پۈتۈن دۇنيا كۆرمەسكە سېلىۋاتقان، بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز قەشقەر، خوتەن ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالىدۇر. ئەلۋەتتە، بىز تۈركىيەدىكى 81 مىليون مۇسۇلمان تۈركلەر ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بىز مەيلى زەيتىنبۇرنۇدا بولسۇن، مەيلى سەفاكۆيدە بولسۇن، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز كۈچۈكچەكمەچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى سەمىمىيەت بىلەن ئوچۇق بايان قىلىمىز. كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىلەرنىڭ بۇ ھەقلىق داۋايىڭلارنى تۈركىيە خەلقىگە ۋە دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىشتا كېرەكلىك خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەييارمىز.»

يىغىندا يەنە «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» كۆچۈكچەكمەچى ناھىيەلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا قۇرقۇت ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار توغرىسىدا كۆرسىتىلگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «شۇنچە كۆپ قېرىنداشلىرىمىز سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا سولىنىۋاتسا، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتسا دۇنيا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا بىزنىڭ خاتالىقىمىز بار، چۈنكى بىز بۇ ھادىسىلەرنى يېتەرلىك ئاڭلىتالمىدۇق، كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمىدۇق. بۇ مەسىلىگە بىز جىددىي قارىمىغانلىقىمىز، ئۇلارنىڭ يېنىدا بولالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزدە جاۋابكارلىق ھېس قىلىۋاتىمىز. ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى بىر دەۋر باشلىنىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىنى كۆپلەپ ئىنسانلارغا ئاڭلىتىشقا، كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.»

يىغىندا «مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» كۈچۈكچەكمەجى شۆبىسىنىڭ رەئىسى سەيفىددىن تىرياكى ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا دەستەك بېرىش ئۈچۈن يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىنىڭ پۈتۈن شېھىتلىرىنى ئەسلەيمىز، ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستاندا كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. بىز بۇ زۇلۇملارنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بىز بۇ ھەقتە ھۆرمەتلىك رەئىس بىلەن كۈچۈكچەكمەجىدە ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەرنى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز. خەلقىمىزنى بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە قىلىدىغان بىر پروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىرغىچە بۇ مەسىلىگە سەل قاراپ كەلدۇق، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز. بۇ بىزنىڭ بىر ۋەزىپىمىز بولسۇن. بىز ‹مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى› بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىنى خەلقىمىزگە ئاڭلىتىدىغانلىقىمىزغا ۋەدە بېرىمەن.»

يىغىندا يەنە «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، «شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى رەجەپ ئاقيول، قازاقىستاندىن كەلگەن قازاق زىيالىيسى ئەرلان قاناش قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
ئەرلان قاناش، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە قازاقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەشلىرى، قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن قازاقلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى، ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشى ۋە شۇنداقلا ئۇلارغا ھەر خىل شەكىلدە بېسىم قىلىشى قاتارلىق تېمىلاردا سۆز قىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان

About admin

Leave a Reply