«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكى مېڭە يۇيۇش ۋە تەن جازالىرىنى خەۋەر قىلدى

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 16‏-ئاپرېل ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېڭە يۇيۇش ۋە تەن جازالىرىنى ئاشكارىلىدى. ماقالىدا «يېپىق تەربىلەش لاگېرى» دىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قازاقىستانغا قايتىپ چىققان قەيرەت سەمەرقەن ۋە ئۆمەربېك ئالىي ئىسىملىك ئىككى سابىق تۇتقۇن ۋە ئۇلارنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دىكى كەچۈرمىشى شۇنداقلا بۇ لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىغا كەڭ ئورۇن بېرىلىگەن. 

مەزكۇر ماقالە دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ لاگېرلارغا بۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇشىدىكى مەقسىتىگە سوئال قويۇلۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدا تۇتقۇنلارنىڭ لاگېردا تۈگىمەس خورلۇق ۋە مېڭە يۇيۇشقا ئۇچرىغانلىقى، ھەركۈنى نەچچە سائەتلاپ كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتىنى ئۆگىنىشكە، شى جىنپىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەشكە ۋە رەھمەت ئېيتىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا يەنە «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دا يېتىپ چىققان يەنە بىر تۇتقۇن- ئۆمۈربېكنى زىيارەت قىلغان. ئۇ لاگېردىكى ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ، «لاگېردا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يادلاش كېرەك. ئەگەر ئۇلارنى يادلاپ بېرەلمىسىڭىز سىزگە تاماق بەرمەيدۇ. سىزنى ئۇخلاتمايدۇ ياكى ئولتۇرغۇزمايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ مېڭىڭىزنى يۇيىدۇ. سىز بىر ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىشىڭىز كېرەك. كومپارتىيە نېمە دېسە ئاڭلىشىڭىز، نېمە سۆزلىسە ئەگىشىشىڭىز كېرەك،» دېگەن.

ئۆمەربېك بىلەن سەمەرقەننىڭ ھەر ئىككىلىسى قازاقىستان پۇقراسى بولۇپ، سەمەرقەن بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» دا، ئۆمەربېك قارامايدىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ياتقان. سەمەرقەن ئىلگىرى «ئازادلىق رادىئوسى» غا بەرگەن ئۇچۇرىدا بۇرۇلتوقايدىكى لاگېردا 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بارلىقى، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 3 مىڭى قازاق، 2 مىڭى ئۇيغۇر، قالغىنى تۇڭگان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە ’ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلار ھەققىدىكى نۇرغۇن ھۆججەت ۋە قۇرۇلۇش توختاملىرىغا دائىر دەلىللەرنى توپلىغان. ئادرىيان زېنز «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 5. 11 پىرسەنتى بۇ لاگېرلاردا بولۇشى مۇمكىن، دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدا ئاتاقلىق پوتبۇل چولپىنى ئېرفان ھېزىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بۇ خەۋەرنى «ئەركىن ئاسىيا رادۇىيوسى» نىڭ ئاشكارىلىغانلىقى، بۇ رادىئونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش، «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئاشكارىلاشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەنلىكى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رادىيودىكى مۇخبىرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تەكتىلىگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ھەققىدىكى سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «سىز بۇغدايلىقتىكى ياۋا ئوت چۆپنى بىر تالدىن يۇلۇپ تۈگىتەلمەيسىز. سىز دورا چېچىپ ھەممىنى ئۆلتۈرۈشىڭىز كېرەك. بۇ كىشىلەرنى قايتا-تەربىيەلەش بۇغدايلىققا دورا چاچقانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇ ئومۇميۈزلۈك قايتا تەربىيەلەش، ئۇ بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن چەكلەيمەيدۇ،» دېيىلگەن. بۇ سۆزنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن ئۆتكەن يىلى تەكتىلىگەن ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

 

About admin

Leave a Reply