European and Chinese business men meeting with handshake

خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا قاتارلىق بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى» ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، كانادادا چىقىدىغان «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ 16‏-ماي كۈنى ئاشكارىلىشىچە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپا دىپلوماتلىرى خىتاي ھۆكومىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان.

«يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن بۇنداق تەلەپلەردە بولۇشىنىڭ نورمال دىپلوماتىك قائىدە ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنداق دىپلوماتىك تەلەپلەرنى رەت قىلىشىنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ھالبۇكى، خىتايدا بۇنداق دىپلوماتىك تەلەپلەرنى رەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغاندىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

خىتايدا بۇنداق ئەھۋال ئۆتكەن يىىلى بىر قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى 11 غەرب دۆلىتى خىتايغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا تەن جازا بېرىش، غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىدە بولۇش ياكى جازالاش قىلمىشلىرىغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ مەكتۇپنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.

«يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، غەرب دىپلوماتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۈرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق سۆزلىشىش تەلىپىنى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ماقالىدا خىتاينىڭ بۇنىڭغا دائىر تەنقىدلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، كانادا ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدىكى يىغىنىدا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ۋەكىلىنىڭ رەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ قۇرۇلۇشى، رېمونت قىلىنىڭ ئەھۋالى ۋە كېڭەيتىلىشىگە 138 مىليون دوللار ئاجرىتىلغانلىقى، بۇنىڭ گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

About admin

Leave a Reply