ئىقامەت ئۈچۈن تىزىملىتىش

ئەسسالام ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇھاجىر قېرىنداشلار.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەسئۇللىرى ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى بىلەن سۆزلىشىش نەتىجىسىدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىش تەستىقلاندى. بىراق ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تىزدىن تىزىملىتىشنى سورايمىز.
1- ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىپ رەت كەلگەنلەر.
2- ، 2017-يىلى 1- ئايدىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئىنسانىي ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئالالـمىغانلار
3- قولىدا پاسىپورت ياكى ساياھەت بەلگىسى يوق چىگىرا ئاتلاپ كىرگەنلەر
4- تۇغۇت ئىسپاتى يوق، ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە كەلـمەي ، ئاتا ئانىسىنىڭ ئىسمى ئوخشاشماسلىق سەۋەبىدىن ئىلتىماس قىلالـمىغانلار دەرھال تىزىملىتىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىمىز .
ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىپ كۈتىۋاتقانلار بولسا تىزىملاتمىسىمۇ بولىدۇ ئۇلارنىڭ ئىقامىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولىغا تىگىدۇ.
تىزىملىتىش ئورنى : شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ ئىشخانىسى
(زەيتىنبۇرنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتاپخانىنىڭ ئۈستى قەۋەتتە)
تىزىملىغۇچىلار:
مۆمىنجان : 05346505991

About admin

Leave a Reply