نامايىشقا چاقرىق

يۈرىكىمزنى ھازىرغىچە ئاغرىتىۋاتقان 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچلىقىدا نەچچە مىڭلىغان ھەقىقەتپەرۋەر ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز شەھىد قىلىندى ۋە نەچچە مىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئىز -دىرەكسىز يوقاپ كەتتى.

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتمىغانلىقىمىزنى ۋە ئىشغالچى قاتىل خىتايغا بولغان نەپرەت ۋە لەنەتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 9- يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا،  مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش بىلەن بىرگە 10000  كىشىلىك كەڭ كۈلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى بۇ نامايىشقا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

ئەزىز ۋە  قەدىرلىك شەرقىي تۈركىستان ئوغلانلىرى، خانىم – قىزلىرى!.  خىتاينىڭ ئۇيقۇسى قاچسۇن، خەلقى ئالەم، دوست ۋە دۈشمەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئويغانغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن چىققان بو مۇبارەك يولىمىزدىن  چېكىنمەس ئىرادىگە كەلگەنلىكىمىزنى كۆرسۇن. يەتتە ئايلىق بوۋاقتىن يەتمىش ياشقىچە، ئەر- ئايال، چوڭ كىچىك ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ ھىس قىلىدىغان پۈتكۈل قېرىنداشلارنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالماي بۇ نامايىشقا قاتنىششقا ئالاھىدە چاقرىق قىلىمىز.

نامايىش ئورنى: خىتتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا .

نامايىش؛ 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى پەيشەنبە سائەت 12:00 دە باشلىنىدۇ .

نامايىشقا بېرىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇس  ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زەيتىنبۇرنۇ ئەمىنە ئىنانچ جامئى ئارقىسىندىن ۋە سەفاكۆي چارداقلى دۇراقتىن ئاپتۇبۇسلار سائەت 10:00دا قوزغىلىپ ماڭىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن : شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

About admin

Leave a Reply