ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 9 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدا 8 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 9 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدا 8 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 9 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن 5 – ئىيۇل كۈنى ئسىتانبۇلدا نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ نامايىش ئېلىپ باردى ۋە مۇخبىرلارغا بايانا ت بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزىلدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 8 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىستانبۇلدىكى كىشىلەر قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركسىتان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن تارابىيەدىكى دېڭىز بويىچە جەم بولدى.  بەزى نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى نازى ئۇسۇلدىكى جازا لاگىرلىرى تاقالسۇن،!»، «ئىشغالچى خىتاينى ئۆيىمىزگە كىرشىنى خالىمايمىز»، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، « 3 مىليون بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستانلىق خىتاي جازا لاگىرلىرىدا مەھكۇم»، «شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاي جازا لاگىرلىرى تاقالسۇن!»، «مۈشۈك، چاشقان ئىت يەيدىغان خىتايلار بىلەن تۇققاندارچلىق بولمايمىز»، «خىتاي ئاسىمىلاتسىيونى قوبۇل قىلىنمايدۇ»، ئەي ئىنسانىيەت سىلەر قەيەردە؟!»، دېگەنگە ئوخشاش خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختايلارنى كۆتۈرۈپ شۇئالار تولدى.

نامايىشچىلار دېڭىز بويىدا توپلىنىپ،  خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار ماڭىدىغان چوڭ يولغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شىنپىڭنىڭ رەسىملىرى چاپلانغان بولۇپ پۈتۈن نامايىشچىلار ئۇ رەسىملەرگە دەسسەپ، تۈكۈرۈپ ئۆتتى.

يۈرۈش جەرىيانىدا نامايىشچىلار بىردەك شۇئارلار توۋلىدى، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «ھەق ھوقۇق ئادالەت شەرقىي تۈركسىتانغا ھۆررىيەت!»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركسىتان»، «ئۆيىمىزدا ئىشغالچى خىتاينى ئىستىمەيمىز»، «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى تاقالسۇن»، «مەزلۇملار بۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە؟»، «تۈركىيە ئۇخلىما! قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق!»، «خىتاينىڭ ئىسكەنجە كامپلىرى تاقالسۇن!» ، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان!»، «ئۈرۈمچىگە سالام، قارشىلىش داۋام»، دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

نامايىشقا كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىش جەرىيانىدا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالەتەن شەرقي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان 2009 – يىلىدىكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: « 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشنى خىتاي قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەھشىيلارچە باستۇرىشى، پۈتۈن دۇنيادا نارازىلىق قوزغىدى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتى شەرقىي تۈركىستانغا تارتىلدى. «ئۈرۈمچى قەتلىئامى» دەپ تونۇلغان بۇ قانلىق ۋەقەدە مىڭلىغان ئۇيغۇر شەھىد قىلىندى ۋە ھەقسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ياش ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتتى. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە يوقاپ كەتكەنلەردىن خەۋەر ئېلىنمىدى. ئۈرۈمچى قەتلىئامدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىزغا ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بېرىلمەستىن ياسالما سوتقا تارتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن تۈرك – ئىسلام دۇنياسى قاتارلىق خەلقئارا  جامائەتنىڭ، شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بېرىۋاتقان قەتلىئام، باستۇرۇش، زۇلۇم ۋە ئىرقي ئايرىمچىلىق قاتارلىق پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى ھېچ قانداق ئەمەلىي قەدەم باسمىغانلىقى، چەتئەلللەردىكى شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە بېسىم پەيدا بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىشنى ھەر كۈنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئاسىمىلاتسىيون سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتايلاشتۇرۇشنى تىزلىتىش ئۈچۈن يەسلىدىن باشلاپ، خىتايچە تەربىيە، خىتايچە يىمەك، خىتايچە كىيىم كىيىش، خىتاي ئۆرۈپ – ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەر كەسكىن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركسىتاندا ھازىر خىتاي 1 مىلىيوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىزنى مۇددەتسىز شەكىلدە ئاتالىمىش يېپىق تەربىيلەش مەركىزى دەپ ئاتالغان، خىتاي نازى شەكىلدىكى جازا لاگىرلىرىغا قاماپ، مېڭە يۇيۇش، ۋاز كەچتۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئورۇنىۋاتىدۇ. خىتاي يەنە ئاتالمىش قوشماق تۇققاندارچىلىق نام ئاستىدا، خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،  ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا زورلىماقتا. بەزى ئەرلىرى جازا لاگىرىدا تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە خىتاي كۆچمەن ئەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرىشىغا قارشى ئىپپەت ۋە ئىززەت – ئابروي مەسىلىسىگە ئىنچىگە قارايدىغان  شەرقىي تۈركسىتان خەلقىدە قايغۇ – ئەلەم ۋە  قاتتىق غەزەپ نەپرەت پەيدا قىلماقتا.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، سۆزىدە يەنە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز بۇ يەردىن دېموكراتىيە ، كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىلىرىغا، خەلقئارالىق ئىنساق ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا،  دۇنيا دۆلەتلىرى ۋە جامائىتىگە خىتاپ قىلىمىزكى، ئەگەر سىلەر راستىنلا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىلىرى بولساڭلار، كۈچلىكنىڭ يېنىدا ئەمەس ھەقلىقنىڭ يېنىدا بولىدىغان بولساڭلار، شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئەمدى كۆرۈڭلار. ئەگەر بۇ مەسلىگە جىددى قارالمايدىغان بولسا يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي ھەممەيلەننىڭ  بېشىغا بالا بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خىتاي دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ۋاقتىدا بۇنىڭ تەدبىرىنى ئالمايدىغان بولسا زالىم خىتاينىڭ زۇلىمىدىن دۇنيا دۆلەتلىرىمۇ ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

نامايىشنى ئىستانبۇلدىكى ئالپەرەن ئوجاقلىرى، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

نامايىشتا يەنە ئالپەرەن ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى كۇرشات مىجان، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۈبە باشلىقى كازىم ئەردى ئاقتۇنچ قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىي توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاينى ئەيبلىدى.

نامايىشتا يەنە شەرقىي تۈركسىتان  يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆز قىلدى. ئۇ ۋەتەن خەلقى ئۈچۈن ياشلارنى پىداكارلىققا چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: قېىرىنداشلىرىم، بىر قان بىر جان سەپداشلىرىم، ۋەتىنىمىز دىكى كۆزلىرى ياشقا  تۇلغان  ئانىللىرىمىز ئۈچۈن جېنىمىز  پىدا  بۇلسۇن، يۇرىكى قانغا  تۇلغان دادىللىرمىز  ئۈچۈن جىنىمىز  پىدا بۇلسۇن، تىرناقلىرى سۇغۇرۇلغان، بەدەنلىرى قانغا  بۇيالغان، ئىچىكى ئەزالىرى بۇلاڭ  تالاڭ قىلىنغان  جان جىگەر  قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن  جېنىمىز  پىدا بۇلسۇن. ئىپپىەت  نۇمۇسلىرى دەپسەندە  قىلىنغان  ( ئەركەكلەر  قىنى  سىلەر) دەپ قانلىق  نىدا  قىلۋاتقان قىز  ئاياللىرمىز ئۈچۈن  جېنىمىز  پىدا  بۇسۇن. ئاتا  ئانىسىدىن  يىتىم قالغان   سۇيۇملۇك ئەۋلاتلىىرمىز ئۈچۈن جېنىمىز  پىدا  بۇلسۇن. تاجاۋۇزچى  زالىملارنىڭ  قىلمىشلىرغا شاھىت بۇلىۋاتقان بىپايان  تەكلىماكان  ئۈچۈن  جېنىمىز  پىدا  بۇلسۇن. ئاي يۇلتۇزلۇق كۇك  بايراقنىڭ  شان – شەرپى  ئۈچۈن، ھەق – ھۆرمىتى  ئۈچۈن  جېنىمىز  پىدا  بۇلسۇن.  ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىلى بۇ  جانلىرىم مىڭ  قېتىم  پىدا  بۇلسۇن.

بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نامايىشچىلار خىتاي كولسونخانىسىغا كىرىشكە ئورۇندى بىراق ساقچىلار رۇخسەت قىلمىدى. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار بىر بىرلىرىنى ئىتتىرىشىپ كەتتى. ئىتتىرىش خېلى ئۇزۇن داۋام قىلغان بولسىمۇ ھېچ قانداق يارلىنىش بولمىدى. نامايىشچىلار توختىماي شۇئار توۋلىدى.

نامايىش ئاخىرىدا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىللىرى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا قاراچەمبىرەك قويدى، قارا چەمبىرەك ئۈستىگە «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ» دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان. تۈركىيەدە قارا چەمبىرەك قويۇش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ئەيپلەشنىڭ ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ.

8 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بۇ نامايىش، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە زۇلۇم قىلىشنى چېكىدىن ئاشۇرىۋاتىقان خىتاي دىكتاتۇر ھاكىمىيىتىگە قارشى خەلقنىڭ قانچىلىك غەزەپ – نەپرەتكە تولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە خىتاي قارشى بىر سىگنال بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ بىرلىك شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن چوڭ بىر كۈچكە ئايلانغۇسى. تىرىشچانلىق بىزدىن نەتىجە ئاللاھتىن. مۇساجان

About admin

Leave a Reply