10 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچىرىشىش يىغىنى ئېچىلىدۇ

10 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچىرىشىش يىغىنى ئېچىلىدۇ

تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» يىغىنىنىڭ 10 نۆۋەتلىكى بۇ يىل 7 ئاينىڭ 22 كۈنىدىن 26 كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى » دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا

ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەلقى نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، خىتاينىڭ ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، شەرقىي تۈركىستان ئىستىراتېگىيىسى، شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى، ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش،  كەلگۈسى ئىش پىلانلىرى، چىقىش يول خەرىتىسى ۋە چارە تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇلىدىكەن، بەس مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ ئۇچرىشىش يىغىنغا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى، تەتقىقاتچىلار، دوكتۇر، پروفېسسورلار، ئاكادېمىكلار، دىنى ئالىملار ۋە زىيالىيلار تەكلىپ قىلىنغان.

يىغىننىڭ تەييارلىق باسقۇچى مۇناسىۋېتى بىلەن 7 ئاينىڭ 20- كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى بىر يىغىن ئېچىپ، 10 نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىننىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە يىغىننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشى ئۈچۈن، يىغىن تەرتىپلىرى، ئامانلىق تەدبىرلىرى، مېھمانلارنى كۈتۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم نوقتىلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىن، 7 ئاينىڭ 22 كۈنى يەكشەنبە سائەت 10:00 14:00 ئارىسى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھتىكى ئەلى ئامىرى كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزى يىغىن زالىدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىدىكەن.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قېتىمقى يىغىندا، «مىللىي كىملىك ۋە مىللىي بىرلىكنىڭ ئەھمىيىتى»، « خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندايۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى»، « شەرقىيتۈركسىتان داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنسان يېتىشتۈرۈشخىزمىتى ۋە  ئەھمىيىتى»، « خىتاينىڭ كىشلىىك ھوقۇقدەپسەندىچلىكلىرى ۋە جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ خەلقئارالىق سوتقا تارتىش»، « شەرقىي تۈركسىتان مىللىي داۋاسىدىكى ھەمكارلىق ۋەئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»، « خىتاينىڭ ئىستىراتېگىيە كېڭەيمىچىلىكى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى نوقتىنەزەردىن دۇنيا ۋەزىيىتىگە قاراش»، «ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى ئورنى» قاتارلىق 10 تېمىدا مۇتەخەسىسلەر سۆز قىلىدىكەن ۋە بەس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بىز بۇ يىغىننىڭ ئېچلىشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز يەنە بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۇستىرالىيەدىن بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن دىنى ئالىم ئابدۇسالام ئالىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇسالام ئالىم بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ توختاپ قالـماي 10 يىل داۋام قىلىشىنىڭ چوڭ بىر غەلبە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلانتاش

About admin

Leave a Reply