دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى باشلاندى.

10 نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئېچلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى

يىغىندا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش دانىشمانى ئەخمەت سېلىم كۆرئوغلى، تۈركىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەم قايغۇغا پاتماسلىقىنى ۋە ئۈمىدسىزلەنمىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 10 نۆۋەتلىكى بۇ يىل 22 ئىيۇل كۈنى ئسىتانبۇلدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى.

ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان ئەلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزى يىغىن زالىدا ئېچىلغان مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر ئايال بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا يەنە تۈركىيەدىكى، ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى، ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش دانىشمانى ئەخمەت سېلىم كۆرئوغلى ئەپەندى، ئاممىۋىي ھەمكارلىق مۇنبىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئايخان ئوگان، خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسۇر نىجاتى جەيلان، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جەلال ئەرباي، شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇئۇللا شەھيار قاتارلىق ئونلارچە ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ بۇ يىغىننى تەبرىكلىدى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ تىلەك ئارزۇلىرىنى ئىپادىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش دانىشمانى ئەخمەت سېلىم كۆرئوغلى، تۈركىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەم قايغۇغا پاتماسلىقىنى ۋە ئۈمىدسىزلەنمىكىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:چۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ يېڭىدىن قايتا سايلانغان رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان دۇنيادىكى مەزلۇملارنىڭ ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچىرىغانلارنىڭ ھەم ھىمايە قىلغۇچىسى ھەم ئۈمىدىدۇر. ئۇ ھەر زامان ھەر يەردە داۋاملىق،  پەلەستىندە، ئاراكاندا، شەرقىي تۈركسىتاندا، سۈرىيەدە ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ھەر زامان تىلغا ئېلىۋاتقان بىر شۇئارى مەۋجۇت. ئۇ شۇئار بولسا، «بۇ مەزلۇم ۋە ھەقسىزلىققا ئۇچىرىغان خەلقلەرگە پۈتۈن دۇنيا ئارقىسغا بۇرۇلۇپ تۇرىۋالسا بىز ئۇلارغا قۇچاق ئاچىمىز. پۈتۈن دۇنيا سۈكۈت قىلسا بىز سۈكۈت قىلىشتىن ۋاز كېچىمىز».  

شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ غايە مەقسەتلىرى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان،  دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ تۈنجى قېتىملىقى 2009 يىلى 7 ئاينىڭ 5 كۈنى باشلانغانلىقىنى ئۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن يىغىننىڭ پۈتۈن پروگراممىلارنى بىكار قىلغانلىقىنى ۋە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىغا بېرىپ نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەمما دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى شۇ يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇ يىل 10 قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۈستىگە ئۆز ئۈستىگە يۈكلىگەن تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىنى ساقلاش ۋە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان قېرىنداشلىق ۋە بىرلىكنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقانبۇ قېرىنداشلىق مەشئىلىنى مۇستەھكەم ئىراد بىلەن چىڭ تۇرۇپ بۈگۈنگىچە ئىگىز كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتىمىز.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي دائىرلىرى قوشماق تۇققانچىلىق نام ئاستىدا خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەخلاقسىزلىق، ئىنساپسىزلىق، قانۇنسىزلىق بىلەن يۈرگۈزىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ قەلىبلىرىنى ئوت بىلەن داغلىغاندەك قايغۇ ئەلەمگە تولدۇردى.  

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر يوق بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئەمما پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ھېس تۇيغۇ يوق، توڭلىغان ھالەتتە سۈكۈتتە قالغانلىقىدىن ئىپادىلىدى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭمەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە چاقرىق قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچلىش مۇراسىمىدا يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ سابىق رەئىسى روزا مۇھەممەد ھاجىم سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە چاقىردى ۋە 10 نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزى بىلەن قوشۇپ 5 كىشىنىڭ بۇ يىغىنغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

روزا مۇھەممەد ھاجىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخانغا ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تەييارلانغان شەرەپ ئالتۇن مېدالنى تەقدىم قىلدى. دوپپا ۋە تون كەيدۈرۇپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس ئوغلانى دەپ باھا بەردى.

يىغىننىڭ ئېچلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ياسالغان  شەرەپ تاختىسى ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن شەخسلەر دەپ قارالغان، ئەخمەت سەلىم كۆرئوغلى، ئايخان ئوگان، ئىسمائىل ھەققى تۇرۇنچ ، پروفېسسۇر جالال ئەرباي، دوكتۇر ئۆمەر قۇل، دوكتۇر ئاتاۋۇللا شەھيار، ئابدۇللا ئالىم قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 23 كىشىگە مۇكاپات بېرىلدى.

10 نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى 22- ئىيۇل ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن 26 ئىيۇلغىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن. يىغىننىڭ ئېچلىش مۇراسىمى خەلق ئاممسىغا ئوچۇق بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردىكى بۆلۈملىرى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلار، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار ۋە دىنى ئۆلىمالار بىلەن يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. يىغىن 23 ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئىستانبۇلدا بىرمېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا داۋام قىلماقتا ئىكەن.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى دىنى ئىشلار كومتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتىۋاتقانلىقىنى، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق ھېس تۇيغۇنىڭ كۈچىۋاتقانلىقىنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلاردىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

About admin

Leave a Reply