ئىقامەتكە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

ئىقامەتكە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ئەنقەردىكى كۆچ ئىدارىسىنىڭ ئومۇمىي باش مۇدىرىگە ئىلتىماس قىلغان بولۇپ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنقەرەدىكى باش مۇدىرنىڭ تەلىماتى بىلەن  بۈگۈن يەنى 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، ئىستانبۇلدىكى كۆچ ئىدارىسى مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ ئىستانبۇل كۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرى ھۆسەين بەي بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەتكە ئالاقىدار مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىش ۋە  مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئىقامەتكە ئالاقىدار تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ھەل بولدى.

ئاتا – ئانىسى يېنىدا بولمىغان ئىگە چاقىسى يوق ۋە يېشى 18 دىن كىچىك بولغانلىق سەۋەبىدىن ئىقامەت ئالالماي شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە تىزىملاتقان 133 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئىقامىتى تەستىقلانغان بولۇپ ھېچ قانداق شەرت قويۇلماستىن  ، ھەقسىز ئىقامەت ھەل بولدى.  بۇ 133 كىچىك پەرزەنتلىرىمىز بۈگۈندىن باشلاپ كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا بېرىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

ئىككىنجى مەسىلە بولسا ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئېلىندىغان كىنىشكە پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، تۈركىيەدە تۇرۇش ۋاقتى قانۇنسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىقامەت يوق ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان پۇل جازاسىنى كەچۈرۈم قىلىش يەنى ئىقامەتنى پۈتۈنلەي ھەقسىز بېرىش، پۇل جازاسىنى كەچۈرۈم قىلىش شۇنداقلا تۇغۇت بەلگىسى قاتارلىق بەلگىلەرنى كەلتۈرۈشنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى. يىغىن جەرىيانىدا بۇ مەسىلىلەر ئەنقەرەدىكى باش مۇدىرگە تېلېفون ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى ۋە ھەل باش مۇدىر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئىغىزاكى بىلدۈرگەن بولدى، بىراق قائىدە – رەسىمىيەت يۈزسىدىن ئەنقەرە مەركەزگە جەمئىيەت نامىدا رەسمى ئىلتىماس يېزىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى. تەلەپكە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن شۇ ھامان ئىلتىماس يېزىلىپ ئەنقەرە مەركەزگە ئەۋەتىلدى.

ئۈچۈنچى مۇھىم مەسىلە ئۆتكەن ئاي يەنى 7 –ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە تىزىملاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت تىزىملىكى ۋە  ئىقامەت ئىلتىماسى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىستانبۇلدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا گۇرۇپ ھالدا چاقىرتىلىپ ئىقامەت ئىشلىرىنى بېجىرىشنى باشلايدىغان بولدى.

ئىقامەت بېجىرىش ئىشىلىرى ئىستانبۇلدىكى كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس ئاجرىتىلغان خادىملار ئارقىلىق ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ئىشلىرىنى تىز سۈرئەتتە ھەل قىلىش ئۈچۈن خادىملار كۈندۈزلىرى ئىشلەشتىن سىرت يەنە  كەچ تەرەپتە ئىشتىن سىرت سائەت  18:00 دىن 20:00 ئارىسى مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلەم  ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. ئىقامەت بېجرىشتە ئالدى بىلەن بارماق ئىزى ئېلىنىپ ئارخىپ توختىتىلىپ، يابانجى كىملىك نۇمۇرى چىقىرىپ بېرىلىدۇ.  ئىككىنجى باسقۇچتا  ئىقامەت بېجىرىلىپ تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇزۇن دۈنەم ئىقامەتكە ئىلتىماس سۇنۇپ ئىقامەتنىڭ چىقىشىنى كۈتىۋاتقانلارنىڭ مەسىلىسىمۇ سۈرۈشتە قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئىقامىتىنىڭ بېرىلىشكە باشلانغانلىقى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەممىسىنىڭ ئىقامىتى قولىغا تېگىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشتىن ئالاھىدە ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز  ۋە يېقىن دوست – بۇرادەرلىرىنى خەۋەرلەندۈۇرۇپ قويۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتى

 

بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشتىن ئالاھىدە ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز  ۋە يېقىن دوست – بۇرادەرلىرىنى خەۋەرلەندۈۇرۇپ قويۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتى

About admin

Leave a Reply