شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دوستلۇق خىتاپنامىسى

10- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى « شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇرا» يىغىنىغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى يېپىق يىغىنىدا، تۆۋەندىكى ئاساسلىق نۇقتىلاردا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دوستلۇق خىتاپنامىسى ئېلان قىلىندى

ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى، خەلقىمىزنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلىشى يولىدا ئورتاق ھەرىكەت قىلىش، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ئېناقلىقنى كۈچەيتىپ، چوڭ-كىچىك زېددىيەتلەرگە يول قويماسلىق، بىرلىك باراۋەرلىكگە زېت كىېلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇش. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ھەر قانداق كۈچ ۋەياكى دۆلەتنى دۈشمەن دەپ قارىماسلىق. تەشكىلاتلار ۋە رەھبەرلەر بىر – بىرىگە قارشى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا بولسۇن مەيلى  مەتبۇئاتلاردا بولسۇن بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق پىتنە – ئېغۋاغا سەۋەبچى بولىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش. تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا، بىر- بىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەش. ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مىللىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇندا قويغان ھالدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆز ئارا بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ھۆرمەت قىلىش، كېڭىشىش ۋە ماسلىشىش.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرگە بىرلىكتە قارشى تورۇش. شەرقى تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى ئارىسىدا قەرەللىك مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىش، پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا كېرىزىسلارنى ھەل قىلىش گورۇپپىلىرى تەشكىل قىلىش.

جانابىي ئاللاھ بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ئەجىر – ئەزىم ئاتا قىلغاي، بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنى مەزلۇم شەرقىي تۈركسىتان خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە قىلغاي. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى  مۇۋاپىقىيەتلىك قىلغاي.  غايە – مەقسەتلىرىمىزنى غەلبە – نۇسرەت بىلەن ئاياغلاشتۇرغاي، ئامىن.

 

About admin

Leave a Reply