ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 3000 كىشى جەم بولۇپ قۇربان ھېيىت پائالىيىتى ئېلىپ باردى

قۇربان ھېيت بايرىمى كېلىش بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بايرام تەنتەنسىگە چۈمگەن بولسىمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ تۈرملىرىدە ۋە جازا لاگىرلىرىدىكى ئۇرۇق – تۇققانلىرىنى ئەسلەپ قايغۇ – ئەلەم ئىچىدە قۇربان ھېيىتنى كۈتىۋالدى. جۈملىدىن  ھەر خىل زۇلۇم ۋە بېسىم سەۋەبىدىن ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىر ئۇيغۇرلاردىن 3000 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جەم بولۇپ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ۋەتىنى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىنى سېغىنىش ھەسرەتنى ، قەلبىلىرىدىكى دەرت ئەلەم ، قايغۇلارنى  بىردەم بولسىمۇ ئۇنۇتۇش ئۈچۈن ،  23 – ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى يەنى قۇربان ھېيىتنىڭ 3 – كۈنى ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى ئاۋجىلار دېڭىز ساھلىغا جەم بولۇپ قۇربان ھېيىت پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆز قىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقستى توغرىسدا توختىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرت- ئەلەم – كۆز يېشى بىلەن تۇرغان قايغۇلۇق كۈنلەردە بىرلىك – باراۋەرلىكنى كۈچلەندۈرۈش، دوستلۇق مۇھەببەتنى ئاشۇرۇش، جاراھەتلەنگەن كۆڭۈللەرنى ئارام تاپقۇزۈش مەقسەتتە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئۇيغۇرلاردا بىرلىك ۋە باراۋەرلىك بولغاندا قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتلىك  كۈنلەردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلۇپ چىقالايدىغانىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى بىرلىك – باراۋەرلىككە چاقرىق قىلدى.

پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل مەزمۇندا شېئىر دىكىلماتسىيە قىلدى. ناخشا ئوقۇدى، چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ياشلارنىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسى خېلى ئۇزۇن داۋام قىلغان بولۇپ چېلىشىش مۇسابىقىسىنى پۈتۈن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار قىزىقىپ كۆردى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە قۇربان ھېيىتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتۇر ئاتاۋۇللا شەھيار سۆزىدە يەنە گەرچە ئۇيغۇرلار مۇسىبەتلىك قايغۇ – ئەلەملىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋاتقان بولسىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇربان ھېيىتنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كېيىن يەنە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھەبىبۇللا كۈسەنىي سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى.

بىز بۇ قۇربان ھېيىتلىق پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دىنى ئالىم مەخمۇتجان ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراخمانجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەخمۇتجان، بۇ ھېيىتلىشىش پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەم بولۇپ ھېيت پائالىيىتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىشكە قاتناشقاندىن كېيىن ئۆزىنى خۇددى ۋەتەندە ھېيت قىلغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى بىراق ئۆز ۋەتىنىدە ھېيتلاشقاندا، خىتاي دائىرلىرىنىڭ بېسىملىرىدىن قورقۇپ ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولسا ئىستانبۇلدا ئۆز ئىختىيارى بىلەن خاتىرجەم ۋە ئەركىن ھالدا ھېيىت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە ئەركىنلىكنىڭ مۇھىم ئىكەنىكىنى تەكىتلىدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن روزا ھېيتىنىمۇ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ ئۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە 6000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشقان ئىدى ۋە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئىقامەت بېرىش قاتارلىق مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

About admin

Leave a Reply