جەمئىيىتىمىز ھەققىدە قارىلاش خاراكتېرلىق ماقالە يېزىشنى رەت قىلىمىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ قارايمىز

جەمئىيىتىمىزگە قىلىنغان تۆھمەتكە رەددىيە

يېقىندا جېمىس تاۋن خەلقئارا تەتقىقات ۋە ئانالىز فوندىنىڭ رەسمى تور بېتىدە 7 – سىنتەبىر كۈنى Jacob Zenn  ئىسىملىك بىر كىشى تەرىپىدىن، ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلار توغرىسىدا يېزىلغان ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ ئۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى توغرىسىدا كۆپلىگەن خاتالىقلارنى يازغان. ماقالىنى يازغان كىشى بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىگە باغلىنىشلىق مۇشۇنداق سەزگۈر مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارماستىن، دەلىل ئىسپات توپلىماستىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قارىلاپ تارقاتقان بىر قىسىم مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يازغان. بۇ، يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى توغرىسىدا تۈزۈك مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ماقالىدا «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىىمىزنى»، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار دەپ تۆھمەت قىلغان، ئەمەلىيەتتە ھېچ قانداق بىر دەلىل – ئىسپات كۆرسەتمىگەن. بىز بۇنى تۆھمەت دەپ قارايمىز ۋە  رەت قىلىمىز. بىز داۋا قىلىنغان تەشكىلاتلار بىلەن ھېچ قاچان مۇناسىۋەت قىلمىدۇق.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى تېرورچى دەپ تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا ئالدى بىلەن بۇ نوقتىنى كاللىسىغا ئۇيدۇرىۋېلىپ ئاندىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى، دەلىل – ئىسپاتلىق،  توغرا ۋە ئىشەنچلىك مەنبەلەرنى ئاساس قىلىشنى، ئۇيغۇرلارنى قارىلغان، تۆھمەت قىلغان خىتاينىڭ تەتۇر تەشۋىقاتلىرىنى مەنبە قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ماقالىدە داۋا قىلغاندەك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھېچ قاچان بىرەر ئۇيغۇرنى سۈرىيگە بېرىشقا تەكلىپ قىلمىدى ۋە ھېچ كىمنى سۈرىيىگە ئەۋەتمىدى. ماقالىدا داۋا قىلغان بۇ نوقتا بولسا ئەسلىدە  خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان گىلوبېل تايمىز ۋە ۋە شاڭخەي گېزىتى تەرىپىدىن   2012 – يىلى جەمئىيىتىمىزنى قارىلاش ۋە ئېتىبارىنى يوقىتىش ئۈچۈن «سۈرىيەگە ئۇيغۇرلارنى ئەۋەتتى» دېگەن ئاساسى يوق سەپسەتە ۋە تۆھمەتلىرى ئىدى. بىز، 2012 – يىلى خىتاينىڭ بۇ ئاساسىي يوق تۆھمەتلىرىگە شۇ ھامان رەددىيە بېرىلگەن ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى يازغۇچى بۇ خىل تۆھمەتلەرنى مەنبە قىلغان ئەمما توغرا – خاتالىقىنى سۈرۈشتە قىلمىغان.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستانبۇل ۋالىيىلىقى تەرىپىدىن رەسمى تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان قانۇنلۇق تەشكىلات بولۇپ، ھەر قانداق خىزمەت – پائالىيەتلىرىدە تۈركىيە قانۇنى بويىچە ئىش قىلىپ كەلدى. ھېچ قاچان قانۇنسىز ئىش – ھەرىكەتتە بولمىدى.

جەمئىيتىمىز، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىنچ يول بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشقا ئورنىۋاتىدۇ. جەمئىيىتىمىز يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتلەردە ھەر خىل خىزمەت – پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ياشلارنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يېتىشتۇرۇشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ماقالىدا يەنە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ ھاتايغا بېرىپ تۈركىيە ئەسكەرلىرىدىن ھال سۇرىشىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان دەپتۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پائالىيەت بىلەن جەمئىيتىمىزنىڭ ھېچ قانداق ئالاقىسى يوق. بىراق تۈركىيە پۇقراسى ئاممىۋىي ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈركىيەنىڭ ئاپرىن ھەرىكىتىنى قوللاپ ئىستانبۇلدا نامايىش قىلدى.  ئەسكەرلىك شۆبىسىگە بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. ئاتالمىش ماقالىدا بۇنىمۇ خاتا تەھلىل قىلىپ خۇددىي بىر مىللتارىست ھەرىكەتتەك كۆرسىتىشكە ئورۇنغان.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ھېچ قاچان باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ باقمىدى ۋە خىتايدىن باشقا ھېچ قانداق دۆلەت ۋە ياكى تەشكىلاتنى دۈشمەن دەپ قارىمىدى. ( ھېچ بىر دۆلەت ياكى تەشكىلات ئۇيغۇرلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى دەپ قارالمايدۇ).

يازغۇچى جاكوپ زېنن ماقالىدا،  تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىمۇ تولۇق بىلمەيدىكەن. جېمىس تاۋن خەلقئارا تەتقىقات ۋە ئانالىز فوندىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ يازغان، دەلىل ئىسپاتى يوق ۋە مەنبەسى ئىشەنچىلىك بولمىغان تەتۇر تەشۋىقاتلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يازغان بۇ ماقالىسىنى رەت قىلىمىز، ئەيبلەيمىز ۋە كەچۈرۈم سورىشىنى ۋە تور بېتىدىن ئۆچۈرۋېتىشنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ ماقالىنى يازغان جاكوب زېنن ۋە ياكى جېمىس تاۋن خەلقئارالىق تەتقىقات ۋە ئانالىز فوندى،  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولماي تۇرۇپ بۇ خىل قارىلاش خاراكتېرلىق ماقالە يېزىشنى مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ قارايمىز. ئەگەر تەلەپلىرىمىز قوبۇل قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە باشقۇرۇش ھەيئىتى

About admin

Leave a Reply