ئىشغالىيەتنىڭ 69 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى

1 – ئۆكتەبىر ئىشغالىيەتنىڭ 69 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى  ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.


نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر ئايال بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى

نامايىش چۈشتى ۋاقتى سائەت 12:00 باشلانغان بولۇپ نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ھەر خىل شۇئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تارابىيە دېڭىز بويىدىن خىتاي كونسۇلخانىسى دەرۋازىسى ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى.

خىتاي كونسۇلخانىسى ئىستانبۇلنىڭ سارىيەردىكى تار بىر كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن تار كوچىدا بىر – بىرى بىلەن  قىستىلىپ كەتتى.

نامايىشچىلار بىردەك، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «ھەق – ھوقۇق ئادالەت تۈركىستانغا ھۆررىيەت»، «مەزلۇملار بۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە؟»، «تۈركىيە ئۇخلىما قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق!»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركستان»، دېگەندەك شۇئارلار توۋلىدى.

بىر قىسىم نامايىشچىلار، خىتاينىڭ يىغىلىۋېلىش لاگىرلىرىدىكى ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، رەسىملەرگە ئاكام قەيەردە، يولدىشىم قەيەردە؟ دادام قەيەردە؟ دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان.

نامايىشقا دۇغان خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە قانلى كۇرتچە بۆلۈمى، تى ۋى 5 قانىلى قاتارلىق تېلېۋىزيە قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىش جەرىيانىدا نامايىشچىلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىغا 69 يىل بولغانلىقىنى 1 – ئۆكتەبىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قارا ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: 1949 – يىلى 1- ئۆكتەبىر كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئۆز ۋەتەنلىرىدە ئاسارەتكە مەھكۇم بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلانغان قارا كۈننىڭ باشلىنىشىدۇر.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۈزىتىپ كېلىۋاتىمىز. خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي دۆلىتىگە يانتاياق بولۇپ ھەمكارلىشىۋاتقان ۋەتىنىمىزدىكى ساتقۇن غالچىلارنى بۇ يەردە ئاگاھلاندۇرىمىز. ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشى ۋە دۆلەت تېرورلۇقىغا دەرھال خاتىمە بېرىشى كېرەك.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان رەسمى رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا 1 مىليون تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 3 مىليون ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز خىتاي تەربىيلەش مەركىزى نامدىكى جازا لاگىرىغا قامالدى. قوشماق تۇققانچىلىق نام ئاستىدا خىتاي رازۋىتكا خادىملىرىنى ئەرلىرى لاگىرغا قامالغان ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇرلىدى. ياش قىزلىرىمىزنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلىش، تېلېفۇندا كۆرۈشۈشنىڭ ئىمكانىيىتى قويمىدى. تېلېفۇندا ئالاقە قىلغانلار شۇ ھامان تۈرمىگە قامالماقتا. تۈرمىگە ۋە ياكى جازا لاگىرغا قامالغانلارنىڭ ئاقىۋېتىدىن خەۋەر يوق، نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيمىز.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ھازىرقى قىلمىشلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ قەبىھ – ناچار دۆلىتى بولغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، خەلقىمىزنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش، ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن قەبىھ ۋاسىتىلەرنى تىز سۈرئەتتە ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، مىللىي كىملىكىمىزنى ۋە مەدەنىيەت – ئۆرۈپ – ئادەتلىرىمىزنى 69 يىلدىن بۇيان يوق قىلالمىغان خىتاي، ئالدىمىزدىكى 20 يىللىق جەرىياندا يوق قىلىدىغاندەك ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۈيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە دۆلەت رەئىسى ئەردوغاننى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقرىق قىلدى.

بايانات ئوقۇلغاندىن كېيىن نامايىشچىلار تۇساقلارنى بۆسۈپ خىتاي كونسۇلخانىسىغا كىرىشكە ئورۇندى ۋە ساقچىلار بىلەن ئىتتىرىشىپ قىستى قىستاڭچىلىق يۈز بەردى. ئىتتىرىشىش بىر قانچە مىنۇت داۋام قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار نامايىشچىلارنى ئۇزاقلاشتۇردى. ئۇ جەرىياندا بەزى كىچىك بالىلار دەسسلىپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇلدى.

About admin

Leave a Reply