ئاق ساراي تورىدا« لاگېرلار» تېمىسىدىكى مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغانلار 100 مىڭدىن ئاشتى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ بۇ جەھەتتە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى روياپقا چىقاردى.

ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئاق ساراينىڭ تور بېتىدىكى لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدىكى كوللېكتىپ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغانلار سانىنىڭ 100 مىڭدىن ئاشقانلىقى بولدى.

«خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئەيىبلەيلى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا 21-ئەسىردىكى زور قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى توسايلى!» سەرلەۋھىلىك بۇ مۇراجىئەتنامە 9-سېنتەبىر ئېچىلغان. بۇ مۇراجىئەتنامىدە نۆۋەتتە ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېرلار ۋە باشقا ئۆگىنىش مەركەزلىرىدە مەھبۇسلۇق قىسمىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن ھەمدە ئاق ساراينىڭ بۇ خىل زۇلۇمنى ئەيىبلىشى تەلەپ قىلىنغان.

شۇنىڭدەك «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «يەرشارى ماگنىتىسكى قانۇنى» نى قوللىنىش ئىلتىماس قىلىنغان. 9-ئۆكتەبىر كۈنىگە كەلگەندە بۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار 105 مىڭدىن ئاشقان.

گەرچە بۇنىڭغا ئىمزا قويغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولمىسىمۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى شۇ جايلاردىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى پائال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ بۇنىڭغا ئىمزا قويۇشقا دەۋەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاق ساراينىڭ تور بېتىدە مۇراجىئەت سەھىپىسى ئېچىش ھوقۇقى بولسىمۇ، بۇ خىل مۇراجىئەتلەرنىڭ ئاق سارايدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭدىن ئېشىشى شەرت ئىكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى

About admin

Leave a Reply