ئىستانبۇلدا تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ `1 – نويابىر كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ  1933  – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئ‍سلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە 1944 -يىلى غۇلجىنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى » خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

12 – نويابىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم بىر تارىخى كۈندۈر. بۇ كۈندە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلغانلىقىنى، مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان ئەھمىيەتلىك بىر كۈندۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 12 – نويابىر كۈنى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنىنى خاتىرلەپ يىغىن، مۇراسىم ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا. جۈملىدىن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ `1 – نويابىر كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ چوڭ يىغىلىش قىلىپ، 1933  – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئ‍سلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە 1944 -يىلى غۇلجىنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى » خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا ئ‍ېچىلغان يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن زالغا پاتماي تېشىپ كەتى ۋە سىرتتا تۇرۇپ يىغىننى ئ‍ىكران ئ‍ارقىلىق كۆرۈشكە مەجبۇر بولدى.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. كېيىىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە، تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى  توغرىدا توختالدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: 1933- يىلى 12 –نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 85 – يىللىقى، 1944- يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 74 – يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى يولىدا شەھىد بولغان پۈتكۈل مۇجاھىدلەرنى، قۇماندانلارنى، دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەسلەيمىز. ئاللاھتىن ئۇلارغا رەھمەت، مەغپىرەت تىلەيمىز. بىز ئۇلارنىڭ يولىدىن ماڭىمىز.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، بۇ خاتىرلەش مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ بىر – بىردىن ئاساسىي بولغان ئەنگۈشتەر ، 1933 ۋە 1944 – يىلى قۇرۇلغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتۇر.

مۇراسىمدا ئ‍ىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن دوكتۇر ئ‍الىمجان بۇغدا سۆز قىلپ،  ئالدى بىلەن ھەممەيلەننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، 1933- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئ‍ىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى توغرىدا توختالدى. دۆلەتنى قۇرغۇچى رەھبەرلەرنى خاتىرلەپ ئ‍ۆتتى . دوكتۇر ئ‍الىمجان بۇغدا، ئ‍ەينى زاماندا مەتبۇتلاردا ئ‍ېلان قىلىنغان تارىخىي پاكتلارنى ئ‍اساس قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئ‍ىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئ‍اساسىي قانۇنلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا سۆزدە 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئىكراندا كۆرسىتىپ سۆزلەپ ئۆتتى،

دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا سۆزىدە، خوتەن ئەمىرى مەمىتىئىمىن  بۇغرا ۋە خۇجانىياز ھاجىم قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قوللىمىغان دېگەن  قاراشلارغا رەددىيە بەردى ۋە 1933- يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدە قەشقەردە نەشىر قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستان ھاياتى نامدىكى گېزىتتە بۇ ھەقتە يېزىلغان خەۋەر ۋە ماقالىلاردىن دەلىل كۆرسىتىپ قەشقەردە خوتەن ئىتتىپاقى تۈزۈلگەنلىكىنى، خوجانىياز ھاجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى مەغلۇپ قىلىپ،  ئۇلار بىلەن 3 ماددىلىق كېلىشىم تۈزگەنلىكى، بو كېلىشىمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىگىراسى بەلگىلىنىپ، شىمالىدىن جەنۇبىغىچە پۈتكۈل رايونلار خوجانىياز ھاجى رەئىسلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە تەۋە بولىدىغانلىقى، خىتاي پەقەت ئۈرۈمچىدە قالىدىغانلىقى، ئۇرۇشتا شەھىد بولغان كۈرەشچىلەرنىڭ بەدىلىگە خىتاي تەرەپ خوجانىياز ھاجىمغا بىر يېرىم مىليون تال ئوق ۋە 500 دانە قۇرال بېرىدىغانلىقى يەنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى رەسمى ئېتىراپ قىلغانلىقى يېزىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇھمۇرىيىتىنىڭ باش ھاكىمى، تىل يېزىق توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، خەت – چەك ۋە ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغانلىقىنى خىتاي تىلىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتىنىڭ 7 – ئايدىكى بىر سانىدا مەخسۇس ھۆججەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ، ئ‍ۆسمۈرلەر ھەر خىل نۇمۇر كۆرسەتتى، شېئ‍ىر دىكىلماتسىيە قىلدى، ئ‍ىتۇت ئ‍ورۇنلىدى.

يىغىندا، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئەلى ئەلىئوغلى سۆز قىلىپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھايات –ئىش- ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا يەنە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئابدۇرېشىت قارلۇق سۆز قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا ۋە ئازادلىققا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بۇ يىغىن زالىغا خەلقىمىزنىڭ پاتماي تېشىپ كېتىشى،  خەلقىنىڭ ، مۇستەقىللىققا، ئەركىن – ئازادە ئىنسانچە ياشاشقا بولغان تەشنالىقىنىڭ ۋە شۇنداقلا بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىمىزنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ لاگىردا تۇتىۋاتقان پەيتتە خەلقىمىزنىڭ قانچىلىك جاسارەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.

دوكتۇر ئابدۇرېشىت قارلۇق سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھايات – ماماتلىق جان سەكراتتا ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ  زۇلۇمغا قارشى سۈكۈت قىلماي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقنى ئۈمىدۋار بولۇشقا، جان پىدالىق بىلەن كۈرەشنى داۋام قىلىشقا چاقرىق قىلدى.

 

يىغىندا يەنە تۈركىيە ئىلىم ئىرپان ۋەخپى رەئىسى دىنى ئالىم ئېھسان شەنئوجاق سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاي زۇلۇمىنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن قولىدىغان كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلئەھەت ئۇچقۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ، 1944- يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان «شەرقي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرلىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئېلىخان تۈرەمنىڭ تارىخىنى ئىخچام قىلىپ تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا سابىق پارلامېنت ئەزاسى جالال ئەرباي سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سابىت داموللام، خۇجانىياز ھاجىم، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىق رەھبەرلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە 3- قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پات يېقىندا قۇرۇلىدىغانلىقىنى، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنلىرىگە قايتىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۈمىدلۈك بولۇشقا چاقرىق قىلدى.

م.ب.

About admin

Leave a Reply