ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

6-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ناماىيىشى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر نامايىشنى تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى»، «ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ۋە «ئەركىن چۈشەنچە ھەقلىرى جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. بۇ قېتىمقى نامايىش ئىستانبۇلدىكى ساراچخانا باغچىسى مەيدانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيەتلىرى بىلەن تېخىمۇ جانلاندى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار ئالدى بىلەن ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسىنىڭ ھويلىسىغا يىغىلىپ، ئۇ يەردىن ساراچخانا باغچىسىغىچە قەدەر ھەيۋەتلىك شوئار سادالىرى ئىچىدە يۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يوللاردا قاتناش توختاپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلدى.

نامايىشچىلار بىردەك «ھەق-ھوقۇق، ئادالەت، تۈركىستانغا ھۈررىيەت»، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «تۈركىيە ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق!»، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلىرى تاقالسۇن!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلاپ، ئەتراپنى لەرزىگە كەلتۈردى. كۆپ قىسىم نامايىشچىلار قوللىرىغا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، رەسىملەرگە «دادا، سەن قەيەردە؟» «ئاكام قەيەردە، ئاچام قەيەردە، بالام قەيەردە؟» دېگەندەك سوئاللار يېزىلغان ئىدى.

نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. «ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى جاھىد گۆگدېمىر ئەپەندى سۆز قىلىپ، «1949-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرى ۋە قاتتىق تەقىپلىرى توختىماستىن داۋام قىلىپ كەلدى. ھازىر بۇ تەقىب تېخىمۇ چېكىدىن ئاشتى،» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارنىڭ جېنى، مېلى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنىڭ بىخەتەرلىكى قالمىدى. خىتاي بۇ تۇپراقتا زوراۋانلىق قىلىپ، كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزنىڭ زېھىنلىرىنى بۇزدى. بۇلار يەتمىگەندەك خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ئوخشاش مىليونلىغان ئەر-ئايال ۋە بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، رايوندا مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، قىيىن-قىستاق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ…»

ئىستانبۇلدىكى بۇ نامايىش 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلۈۋاتقان، جەنۋەگە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار يىغىلىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

نامايىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان تۈركلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرك خەلقىگە يوللىغان سالاملىرىنى يەتكۈزىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەھكۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ‹ئەي تۈرك قېرىنداشلىرىم، ئەي مۇسۇلمان جامائىتى! قەيەردە سىلەر؟ بىز ئۆلۈۋاتىمىز، ئۆلتۈرۈلۈىۋاتىمىز!؟› دېگەن داد-پەريادىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن،» دېدى.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان يەنە مۇنداق دېدى: «بىز زۇلۇمغا ئۇچرىدۇق، يۇرتىمىز ئىشغال قىلىندى، ۋەتىنىمىزنىڭ نامى ئۆزگەرتىلدى، ھېچ كىمدىن ئاۋاز چىقمىدى. ئائىلىلىرىمىز ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى، ياشلىرىمىز جازا لاگېرلارغا قامالدى، ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشىش چەكلىمىگە ئۇچرىدى، دىنىمىز، مەدەنىيىتىمىز يوقىتىلدى، مەسچىت-جامەلىرىمىز يىقىتىلدى، ئىنسانلىرىمىز دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىز ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ھېچ كىمدىن سادا چىقمايۋاتىدۇ، ئاۋاز چىقمايۋاتىدۇ!؟»

ئاخىرىدا ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخمان ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش www.rfa.org

 

About admin

Leave a Reply