ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

6-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ناماىيىشى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر نامايىشنى تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى»،  «ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت ھەركىتى تەشكىلاتى» ۋە «ئەركىن چۈشەنچە ھەقلىرى جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. بۇ قېتىمقى نامايىش ئىستانبۇلدىكى ساراچخانا باغچىسى مەيدانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيەتلىرى بىلەن تېخىمۇ جانلاندى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار ئالدى بىلەن ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسىنىڭ ھويلىسىغا يىغىلىپ، ئۇ يەردىن ساراچخانا باغچىسىغىچە قەدەر ھەيۋەتلىك شۇئار سادالىرى ئىچىدە يۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن يوللاردا قاتناش توختاپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلدى.

نامايىشچىلار بىردەك «ھەق-ھوقۇق، ئادالەت، تۈركىستانغا ھۈررىيەت» ، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «تۈركىيە ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق!»، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلىرى تاقالسۇن!» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلاپ، ئەتراپنى لەرزىگە كەلتۈردى. كۆپ قىسىم نامايىشچىلار قوللىرىغا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، رەسىملەرگە «دادا، سەن قەيەردە؟» «ئاكام قەيەردە، ئاچام قەيەردە، بالام قەيەردە؟» دېگەندەك سوئاللار يېزىلغان ئىدى.

نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. «ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت ھەركىتى» نىڭ رەئىسى جاھىد گۆگدېمىر ئەپەندى سۆز قىلىپ، «1949-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرى ۋە قاتتىق تەقىپلىرى توختىماستىن داۋام قىلىپ كەلدى. ھازىر بۇ تەقىپ تېخىمۇ چېكىدىن ئاشتى،» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارنىڭ جېنى، مېلى ۋە ئىززەت -ئابرويىنىڭ بىخەتەرلىكى قالمىدى. خىتاي بۇ تۇپراقتا زوراۋانلىق قىلىپ، كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزنىڭ زېھىنلىرىنى بۇزدى. بۇلار يەتمىگەندەك خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ئوخشاش مىليونلىغان ئەر -ئايال ۋە بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، رايوندا مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، قىيىن – قىستاق يۈرگۈزىۋاتىدۇ…»

ئىستانبۇلدىكى بۇ نامايىش 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلىۋاتقان، جەنۋەگە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار يىغىلىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق ناميىشى ئۆتكۈزىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

نامايىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان تۈركلەرگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرك خەلقىگە يوللىغان سالاملىرىنى يەتكۈزىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەھكۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ”ئەي تۈرك قېرىنداشلىرىم، ئەي مۇسۇلمان جامائىتى! قەيەردە سىلەر؟ بىز ئۆلىۋاتىمىز، ئۆلتۈرۈلىۋاتىمىز!؟“ دېگەن داد-پەرىيادىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن،» دېدى.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان يەنە مۇنداق دېدى: «بىز زۇلۇمغا ئۇچرىدۇق، يۇرتىمىز ئىشغال قىلىندى، ۋەتىنىمىزنىڭ نامى ئۆزگەرتىلدى، ھېچ كىمدىن ئاۋاز چىقمىدى. ئائىلىلىرىمىز ۋەيرانچىلىققا ئۇچىرىدى، ياشلىرىمىز جازا لاگېرلارغا  قامالدى، ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشىش چەكلىمىگە ئۇچىرىدى، دىنىمىز، مەدەنىيىتىمىز يوقىتىلدى، مەسجىد – جامەلىرىمىز يىقىتىلدى، ئىنسانلىرىمىز دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ، بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىز ئۆلتۈرۈلۋاتىدۇ، ھېچ كىمدىن سادا چىقمايۋاتىدۇ، ئاۋاز چىقمايۋاتىدۇ!؟»

ئاخىرىدا ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخمان ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

Leave a Reply