ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كۆرگەزمىسىدىن ئورۇن ئالدى

11-ئاينىڭ 17-18-كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ يېڭىقاپىدىكى كۆرگەزمە ۋە سەنئەت زالىدا ئېچىلغان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىمۇ ئورۇن ئالدى. 

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئېچىلغان بۇ كۆرگەزمە ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە 40 دۆلەتتىن 130 تىن ئارتۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە فوندلار قاتناشقان.

بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى كۆرگەزمە ئاچقان بولۇپ، كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مىللىيچە كىيىم-كېچەك، ئوغۇل-قىزلارنىڭ چىمەن دوپپا ۋە ھەر خىل چالغۇ ئەسۋابلارنى كۆرگەزمىگە قويغان. كۆرگەزمىگە يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەرىتىسى، بايرىقى، ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ رەسىملىرى قويۇلغان.

كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى، تىلى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى توغرىسىدا يېزىلغان كىتاب-ژۇرناللار ھەقسىز تارقىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى شۇنداقلا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش چاقىرىقى ۋە لاگېردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىلدى.

3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كۆرگەزمىسى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئالىي قۇرت ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەقەززاسى بولغان بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ بۇ خىل كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى بىلەن ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرى بار، ئەمما بىرلا چىقىش يولىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلىك، باراۋەرلىك. كۆرگەزمىگە 40 دۆلەتتىن 130 ئەتراپىدا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتناشتى. بۇ كۆرگەزمىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش، تونۇشۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە تەشكىلاتلار ئارا بىر بىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىمىز،» دېدى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاسساپئوغلى، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقىنىڭ باش دانىشمەنى ئىسمائىل ھەققىتۇنچ ئەپەندى، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئېلى قۇرت ئەپەندى قاتارلىق كۆپ ساندا كىشىلەر ئۇيغۇر كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاسساپئوغلىغا ھەمراھ بولغان ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئالىي قۇرت ئەپەندى مىنىستىرغا ئۇيغۇر كۆرگەزمىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مىنىستىر ئەپەندىم، بۇ مەزلۇم جۇغراپىيە شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسىدۇر، كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقى بىرگە قويۇلۇپتۇ، ئۇ يەر قىيىنچىلىقتا قالغان بىر رايوندۇر.»

بىز بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، مىنىستىردىن سوئال سورىدۇق. «مىنىستىر ئەپەندى، ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ، ئەمما تۈركىيە نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈركىيە كۈچلەنگەندە مەسىلە تۈگەيدۇ، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھ ياردەمچى بولسۇن!»

ھۈسەيىن باي ئىسىملىك زىيارەتچى نەچچە مىليون ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا ناھەق يېتىۋاتسا، نېمە ئۈچۈن تۈركىيە سۈكۈتتە تۇرىدۇ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە 80-يىللاردا ئىنسانلار بۇ مەسىلىنى بەك قوللايتتى، مەرھۇم ئەرباكان ئەپەندىم بۇ مەسىلىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە كەلتۈرەتتى. ھازىرقى ھۆكۈمەت سىياسىي سەۋەبتىن سۈكۈت قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. ئۆز ۋاقتىدا ئابدۇلھەمىدخاننىڭ نەۋرىسى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ دۆلەت قۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى، چۈنكى ئوسمانلى دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننى ھېچ قاچان ئۇنتۇمىغان. بۈگۈنمۇ ئۇنتۇمايدۇ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئۇنتۇمايدۇ دەپ قارايمەن.»

بىز يەنە بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ كۆرگەزمىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ كۆرگەزمىنى ئېچىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇرخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مۇنەۋۋەر خانىم بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئاچقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كىتاب-ژۇرنال تارقاتقانلىقىنى، خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقانلىقىنى، كۆرگەزمىنىڭ كۈتكىنىدەك ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

About admin

Leave a Reply