دىنى ئالىم كېرەم ئابدۇۋېلى خىتاي تۈرمىسىدە شېھىد قىلىندى

دىنى ئالىم دەۋەتچى ئۇستاز كېرەم قارىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغانلىقى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باياناتى

1990- يىلى سەۋەبسىز «بۆلگۈنچى » تۆھمىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  مەشھۇر دەۋەتچى دىنى ئۆلىما كېرەم ئابدۇۋەلى 12 يىل توشقاندىن كېيىمۇ ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن ئارقا – ئارقىدىن يىل قوشۇلۇپ قاراڭغۇ ئۆيلەرگە يالغۇز قامالغان. تۈرمىدە ياتقىنىغا 28 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە تۈرمىدە شېھىت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئىنىسى مۇھەممەد ئەمىن تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە سەبىر ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز! بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇردۇق.« ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن»
ئۇستاز كېرەم ئابدۇۋەلى «كېرەم قارى » ئىسىم بىلەن خەلقىمىز ئىچىدە تۇنۇلغان ھەم خەلقىمىز ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن قەلبى ئۇيغاق بىر ئۆلىما ئىدى.
ئۇ 1990- يىللاردا خەلقىمىز ئارىسىدا ئىمان ۋە تەۋھىد ئەقىدىسىنى تارقىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ دەۋەتلىرىدە خەلقىمىزنى ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇپ تەۋھىد، بىرلىك يولىدا ماددى ۋە مەنىۋىيىتىمىزگە ئىگە بولۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ خەلقنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدا قىلغان دەۋەت، ئوقۇ- ئۇقۇتۇش خىزمەتلىرى زور تەسىر ۋە ئۈنۈملەرنى ياراتقان. ئۇنىڭ زىيالى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى تەسىرى خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ئىدى. چۈنكى ئۇ خەلقىمىزنى كوممۇنىزىمنىڭ يالغان سەپسەتىلىرىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ ئىسلام دىنىغا چاقرىق قىلغان ئىدى.
شۇ سەۋەبلەردىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 1990- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ «بۆلگۈنچى » تۆھمىتى بىلەن 12 يىل كەسكەن ئىدى. 12 يىل توشقاندىن كېيىن بۈگۈنگىچە ئارقا- ئارقىدىن 3 يىللىقتىن 4 قېتىم سەۋەبسىز يىلىنى ئۇزارتىپ تۈرمىگە قاماپ كەلگەن ئىدى.
ئۇنىڭ ھەققىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى ئەھۋال ئىگىلەپ بىر قانچە قېتىم سۈرۈشتە قىلغان. ئۇندىن باشقا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ ئالىم ھەققىدە ئىزدەنگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2014- يىلى 4- ئاينى « ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان.
ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركستاندىكى ئۆلىما، ئاكادېمىك ۋە سانائەتچىلەرنى تۈرمىگە تاشلىدى ۋە شېھىت قىلدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقلىرىغا قىلىۋاتقان سۈكۈتى خىتاينى تېخىمۇ ۋەھشىيلەشتۈرۈپ قويدى. خەلقىمىز بىر پۈتۈن ئىسكەنجىگە ئېلىندى. ھازىر خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىر پۈتۈن تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، دۇنيا جامائەتنى، ئەركىنلىكنى داۋا قىلىۋاتقان كۈچلۈك دۆلەتلەرنى  خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقرىق قىلىمىز. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىز ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ۋە زۇلۇملارنى دەرھال توختىشقا چاقرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز.

ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى

About admin

Leave a Reply