خەلقئارالىق مۇسۇلمان خەلقلەر بىرلىكى قۇرۇلتايىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق مۇسۇلمان خەلقلەر بىرلىكى قۇرۇلتايىنىڭ يىغىنىغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تەكلىپ قاتنىشىپ،ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆ زقىلدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقرىق قىلدى. 

مەركىزى تۈركىيەنىڭ پايىتەختى ئەنقەرەگە جايلاشقان ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 27- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇسۇلمان خەلقلەر بىرلىكىنىڭ قۇرۇلتاي يىغىنى، 12-ئاينىڭ 2-3- كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى ۋوۋ مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكىلاتتا «شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلىۋاتقان بېسىم ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ مۇئامىلىلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ»، دېيىلدى.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن سىياسىي پارتىيە رەئىسلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىنغا، «ئۆزگۈرۈش ۋە ئالمىشىشلار بىلەن يېڭى دەۋر ۋە ئىسلام دۇنياسى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، يىغىندا ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ رەئىسى رىجائى كۇتان ۋە سائادەت پارتىيىنىڭ رەئىسى مۇللا كەرىمۇللا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئىسلام دۇنىياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. شۇنداقلا، مورۇ، پەلەستىن، كەشمىر، ئاراكان، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىر يوق بولۇش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇقداقلا خىتاينىڭ جازا كامپىدا 4 مىليون ئىنساننىڭ قىيىن- قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقرىق قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانىغان يارسى بولغان شەرقىي تۈركسىتان توغرىسىدا سۆز قىلىمەن. بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلمەيۋاتىدۇ. خىتاي ھەربىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە كۈچلىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ كۆپ قۇربانلىق بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتانلىقلاردۇر. 70 يىلدىن بۇيان دىكتاتۇرنىڭ ئاسىمىلاتسىيە قىلىش ئاستىدا بولغان شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئىشغال قىلىنىشتىن ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلىتى بار ئىدى. تۈنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى شەرقىي تۈركسىتاندا قۇرۇلدى. خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن بېشىمىزغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى بىلىۋاتىسىلەر. ھازىر 4 مىليون شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرى خىتاي جازا لاگىرلىرىغا قامالدى. دۇنيادىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان بىر ۋەزىيەتتە قالدۇق. سىلەر بۇ مەسىلىنى غەرب ئەللىرى ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ دەپ يامان كۆرىۋاتسىلەر، ئەگەر سىلەر بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئارلىشىشىنى خالىمىساڭلار مۇسۇلمان دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن سىلەر بۇ مەسىلىگە ئارىلىشپ قولغا ئېلىشىڭلار لازىم. 40 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى يوق بولۇش خەۋپىگە دۈچ كەلدى.

سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان پروفېسسۇر دوكتۇر ئەخمەت فەرىت مۇستافا خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز توغرىسىدا سۆز قىلىشنى خالايمەن. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا تۇتىۋاتقان پوزىتىىيەسى، كۆرسىتىۋاتىقان مۇئامىلىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى غەرب ئەللىرى قوغداشقا باشلىدى، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوغدىمايمىز، قانداقسىگە ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرىمىز. بىز خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىشىمىز. خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. خىتاي گېتىلىرىنىڭ جازا لاگىرلىرىغا ئوخشاش لاگىرلارغا نەچچە مىليون مۇسۇلماننى سولاپ قويۇپتۇ. دىنى پائالىيەت قىلغانلارنى ھەر خىل قىيىن قىستاققا ئېلىپ قىيناۋاتىدۇ. ئۇ رايوننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن سىياسىيونلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت بېرىشى كېرەك ۋە خىتاي ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا روخسەت قىلىشى لازىم. خىتاينىڭ قايتا تەربىيلەش نامدىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقاش كېرەك. مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دىنى ۋە مىللىي قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە مۇداخىلە قىلىشقا چاقرىق قىلىمەن. ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئۇ قېرىنداشلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلىۋاتقان بېسىم ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ مۇئامىلىلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.

يىغىننىڭ ئىككىنجى كۈنى ئاخىرىدا خۇلاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خۇلاسە دوكىلاتىدا، پەلەستىن، كەشمىر، مورو، ئاراقان  قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ  مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دوكىلاتتا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ يەر بېرىلدى. خۇلاسە دوكىلاتىنى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئاتىك ئاغداغ ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ خۇلاسە دوكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتايدا جازا لاگىرلىرىدا مىليونلىغان شەرقىي تۈركسىتانلىق مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزىلىۋاتقان بېسىم ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ مۇئامىلىلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. دىنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسىمىلاتسىيە ۋە بېسىملار دىققەت بىلەن كۈزىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركسىتانلىق مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئاساسىي ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى تالاش – تارتىش قىلىدىغان مەسىلە بولماسىلىقى لازىم.

بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، 27- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇسۇلمان خەلقلەر بىرلىكى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىگە ئىسلام دۇنياسىنى كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقرىق قىلغانلىقىنى، يىغىن سىرتىدىكى ئايرىم ئۇچرىشىشلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خۇسۇسەن خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن بىر قانچە مۇھىم شەخسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

About admin

Leave a Reply