ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى: «بىز بىۋاسىتە رايونغا كىرىپ، ئەندىشە قىلارلىق مەلۇماتلارنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى: «بىز بىۋاسىتە رايونغا كىرىپ، ئەندىشە قىلارلىق مەلۇماتلارنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز»

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشىل باشېلىت چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كىرىپ، بۇ لاگېرلاردا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلماننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر «ئەندىشە قىلارلىق» مەلۇماتلارنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزنى چارشەنبە كۈنى جەنۋەدە ب د ت «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان.

مېشىل باشېلىت «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى بۇ يىل 8‏-ئايدا قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا بولغان جىددىي ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 13 دەك دۆلەت ۋە شۇنداقلا ب د ت نىڭ بىر گۇرۇپپا ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى خىتايغا بېسىم قىلغان. دېمەك، مەن بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك بىز بۇ رايونغا كىرىپ، بىز تاپشۇرۇۋالغان ئەندىشە قىلارلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز.» بىراق، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ تەلىپىگە خىتاينىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

مېشىل باشېلىت خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. لېكىن، بۇنىڭ خىتاي بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى باربېل كۆفلېر خانىمنىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى 15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنىڭ چېن چۈئەنگو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى سۆزلىشىش تەلىپىنى ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى.

مېشىل باشېلىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ «قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە داۋاملىق كۆپ خىل مەنبەلەردىن ھەر خىل مەلۇماتلارغا ئېرىشمەكتە ئىكەن.

About admin

Leave a Reply